تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىسلاھات شامىلى يەلكەنگە كۈچلۈك ئۇرۇلدى، يېڭىلىق يارىتىش دولقۇننى ئېگىز ئۆرلەتتى

−شاڭخەينىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىدىن خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جياڭ ۋېي، خې شىنرۇڭ، ۋاڭ لىنلىن، گو جىڭدەن

  2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا بەش يىل ئۆزى تۇرۇشلۇق شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، ئىسلاھات توغرىسىدا توختىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تىلغا ئېلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ھەققىدە سۆزلەپ، تەپەككۇر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ، روھ ۋە كۈچنى ئۇرغۇتتى.

  شاڭخەيدىكى 24 مىليون كادىر، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارىۋى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىدا ئاساسىي تەتقىقاتنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، «گۈل كەشتىلەش»تەك ئىنچىكىلىك بىلەن ئىدارە قىلىپ، شەھەرنىڭ ھارارىتىنى يەتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئاۋانگارتى ۋە بايرىقى بولۇشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.

  «يەككە كۆزنەك» «تۇنجى» ئەركىن سودا رايونىنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى

  چاغان مەزگىلىدە، ئىمپورت قىلىنغان ھەر خىل چەت ئەل مېۋىلىرى بەس-بەستە شاڭخەي بازىرىغا سېلىندى. چىلىنىڭ چېلىزىسى، مېكسىكىنىڭ نيۇيوۋگوسى، يېڭى زېلاندىيەنىڭ مىخۇتاۋسى... يېڭى بولۇپلا قالماي، باھاسىمۇ ئىلگىرىكىدىن ئەرزان بولغاچقا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى يېڭىلىق سۈپىتىدە يەپ بېقىشقا جەلپ قىلدى.

  مېۋىلەرنىڭ ئىمپورت سەپىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتىنىڭ تۈرتكىسىدە، سودا ۋە سېلىنمىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز دەرىجىسى ئۆسۈۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى.

  2013-يىلى 9-ئايدا، جۇڭگودىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى ــــ شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەركىن سودا رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

  «دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دادىل سىناق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىپ، تېزدىن بىر تۈركۈم كۆپەيتكىلى بولىدىغان، كېڭەيتكىلى بولىدىغان يېڭى تۈزۈم شەكىللەندۈرۈش كېرەك» «ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق ۋەزىپە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش» «تىرىشىپ شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىناق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك»...

  شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى جۇڭجى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ يۈەنفېڭ ئەركىن سودا رايونىنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشى توغرىسىدا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. ۋۇ يۈەنفېڭ مۇنداق دېدى: ئىمپورت مېۋىلەر، مەسىلەن، چېلىزى بىرقەدەر «نازۇك» بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ناھايىتى يۇقىرى. شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى دۆلەت ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خەلقئارا سودا تاق كۆزنىكى ئېچىپ، تاموژنا، دېڭىز ئىشلىرى، چېگرادا تەكشۈرۈش، تاشقى پېرېۋوت قاتارلىق 22 نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى زور ھەجىمدە تۆۋەنلەتتى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە چىلى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلغان گىلاس 125 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، تارىختا يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

  تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھاتتىن ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆلچەم قىلىپ، شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىدىن ئىبارەت بۇ ئىسلاھاتنىڭ «تەجرىبە ئېتىزى» ئىشقا كىرىشكەن بەش يىلدىن بۇيان مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، 127 تۈرلۈك ئىسلاھات نەتىجىسى پۈتۈن مەملىكەتتە كۆپەيتىپ كېڭەيتىلدى.

  مىكروسوفت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار بىلەن شېرىكلەشكەن بەيجياخې ئۇچۇر تېخنىكىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىدىكى «001 نومۇرلۇق» تۇنجى ۋىۋىسكا ئاسقان كارخانا. ئەركىن سودا رايونىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش پاسسىپ تىزىملىكىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەچكە، بەيجياخې جۇڭگونىڭ تېلېۋىزور ئويۇنى ساھەسىدىكى «بىرىنچى نومۇرلۇق ئويۇنچى»غا ئايلىنىپ، بەش يىلدىن بۇيان 50تىن ئارتۇق مىكروسوفت ئويۇنىنى تارقاتتى. «كىرگۈزۈشتىن باشقا، بىز يەنە جۇڭگو مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئويۇن ئەسىرىنى مىكروسوفت سۇپىسى ئارقىلىق دۇنياغا تارقىتىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى بەيجياخېنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تىجارەت دىرېكتورى جۇ يىڭ.

  خەلقئارا سودا يەككە كۆزنىكى، چەت ئەللىكلەرگە مۇلازىمەت قىلىش يەككە كۆزنىكى، بازار ئىجازىتى يەككە كۆزنىكىدە بىرتۇتاش بېجىرىش، تۇنجى شېرىك تور ئويۇنى كارخانىسى، تۇنجى تاشقى مەبلەغ دوختۇرخانىسى، تۇنجى تاشقى مەبلەغ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتى ــــ ئەركىن سودا رايونىدىكى ھەرقايسى «يەككە كۆزنەك»لەر، ھەربىر «تۇنجى»لار شاڭخەينىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىكى جانلىق كارتىنىغا ئايلاندى.

  شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەركىن سودا رايونلىرىدا «1+7+3+1» ياۋا غاز سېپى شەكىللىك ئورۇنلاشتۇرۇشى شەكىللەندى. «باش شۇجىنىڭ ئەركىن سودا رايونى ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى سۆزى ھەم شاڭخەيگە بولغان ھەيدەكچىلىك، ھەم پۈتۈن مەملىكەتكە قويۇلغان تەلەپ، تېخىمۇ مۇھىمى، دۇنياغا تارقىتىلغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئېنىق سىگنالى» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى جاڭ جاۋئەن.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، «يېرىم مەيدان ئارىلىقىدا دەم ئېلىش»قا بولمايدۇ، شۇنداقلا «تېخنىكىلىق ۋاقتىنچە توختىتىش»قىمۇ بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە شاڭخەيگە تاپشۇرغان «جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنىڭ يېڭى تەۋەلىك رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش» ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن شاڭخەي شەھىرىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرۈلدى. فۇدەن داشۆسى شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى ئۇنىۋېرسال تەتقىقات يۇرتىنىڭ باش كاتىپى يىن چېن مۇنداق دېدى: شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىنىڭ يېڭى تەۋەلىك رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى كۆلەمنى كېڭەيتىش بولماستىن، بەلكى يېڭى ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش، تېخىمۇ خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە «ئالاھىدە ئىقتىسادىي فۇنكسىيەلىك رايون» قۇرۇشتىكى دەرىجە ئۆستۈرۈش تەدبىرى.

  «مەنبە كۈچى» «تەسىر كۈچ» «يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ئىزدىنىشنىڭ دەل كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدىنىش» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى

  يېقىندا، بەش مايمۇنچاق پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، شاڭخەيگە جايلاشقان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى نېرۋا ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرغان گېن گۇرۇپپىلاپ كېسەل مايمۇننى «مىقدارلاشتۇرۇپ كىلونلاش» 2017-يىلى جۇڭگو ئالدى بىلەن ئىنسانلاردىن باشقا پىرىماتورلارنى كىلونلاشتەك دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم بۆسۈشكە ئايلاندى.

  «دۆلىتىمىزدە نېرۋا ئىلمى ۋە مېڭە ئىلمىنى تەتقىق قىلىدىغان خادىملار ۋە خىراجەت نىسبەتەن چەكلىك، بۇ، بىزنىڭ مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، كۈچنى توپلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىزغا موھتاج» دېدى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى نېرۋا ئورنىنىڭ باشلىقى، ئاكادېمىك پۇ مۇمىڭ.

  پۇ مۇمىڭ تىلغا ئالغان ئاساسىي پەندە يېڭىلىق يارىتىشتىكى «ئىلغاش قائىدىسى» دەل 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا ئىككى يىل شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا تەكىتلىگەن «ئاساسىي پەن-تېخنىكا ساھەسىدە زور يېڭىلىقلارنى يارىتىش، ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكا ساھەسىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش»نىڭ چوڭقۇر مەنىسى ئىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي تەتقىقات تۇپرىقىنى موللاشتۇرۇپ، شاڭخەي پۈتۈن يەر شارىۋى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى جەريانىدا «ئىچكى يادرو»سىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش مەنبە كۈچىنى ئاشۇردى.

  پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى تەن ھۈجەيرىسىدىن مايمۇن كىلونلاش، تۇنجى ئالزېيمېر كېسىلى يېڭى دورىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم دەسلەپكى ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر كەينى-كەينىدىن بارلىققا كەلدى، دۇنيادىكى تۇنجى ئاتموسفېرا ۋە قۇرۇقلۇقنى ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش-ئۆلچەش پۈتۈن سپېكتىرلىق يۇقىرى نۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىش، جۇڭگودىكى تۇنجى قۇتۇپ تەكشۈرۈپ مۇز يارغۇچى پاراخوت «شۆلۇڭ-2»نى ئوڭۇشلۇق سۇغا چۈشۈرۈش قاتارلىق بىر تۈركۈم يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. 2018-يىلى، شاڭخەيدىكى ئالىملار «ئىلىم-پەن» «تەبىئەت» «ھۈجەيرە» ژۇرناللىرىدا 85 پارچە ئەسلىي ئىجادىي ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي سانىنىڭ %32.2ىنى ئىگىلىدى.

  پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ھەم «پۇلنى قەغەزگە ئايلاندۇرۇش»قا ماھىر بولۇش كېرەك، ھەم «قەغەزنى پۇلغا ئايلاندۇرۇش»قا ماھىر بولۇش كېرەك، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان تەسىر كۈچنى قويۇپ بېرىش كېرەك. شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى <يېگانە ئارال ھادىسىسى>نى تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ تېز ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك» «يېڭىلىق يارىتىش- تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى پىلانلىغانلىق كەلگۈسىنى پىلانلىغانلىق».

  شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، جاڭجياڭ دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مەركىزى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى. بۇلتۇر ئىش باشلانغان قاتتىق X نۇرلۇق ئەركىن ئېلېكتىرون لازېر نۇر قۇرۇلمىسى پۈتكەندىن كېيىن، جاڭجياڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى فوتون ئىلمى چوڭ ئەسلىھەلىرى يىغىلىدىغان، توپلىنىدىغان جايغا ئايلىنىدۇ. جۇڭشىن خەلقئارا 14 نائومېتىر قۇرۇلمىسى تەتقىقاتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، خېجى خۇاڭپۇ تېببىي دورا شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن راكقا قارشى يېڭى دورا فۇكۈيتىنىنىڭ بازارغا سېلىنىشى تەستىقلاندى.

  جاڭجياڭ بىر ئىخچام كارتىنا. بارغانسېرى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەردىكى «ئاقىل مېڭە»لەر ئىلمىي ماقالە، «قالپاق»، باھالاشلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، شاڭخەيدە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدار سۇپىلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، توپلانما توك يولى، بىيو تېببىي دورا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق بىر قاتار ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى بويۇندىن سىقىدىغان «بوغما ھالەت»تىن بۆسۈپ ئۆتتى.

  شاڭخەي شەھەرلىك پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈەن مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كەلگۈسىدە شاڭخەي تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى داۋامىدا «يېڭى نەتىجە يارىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  «يارقىن نۇقتا ئاساسىي قاتلامدا» جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى «شاڭخەي سۈپىتى»نى بەرپا قىلدى

  شاڭخەي چاڭنىڭ رايونى خۇڭچياۋ كوچىسىغا جايلاشقان خۇڭچۇ مەھەللىسىدە، 20-ئەسىرنىڭ 70-، 80-يىللىرىدا ھۆكۈمەت سالغان نۇرغۇن كونا ئۆي بار. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، كونا مەھەللىدە نۇرغۇن يېڭى ئۆزگىرىش يۈزبەردى: بالىلار باغچىسى، ياشانغانلار بەدەن چېنىقتۇرۇش نۇقتىسى سېلىندى، «چەت، بۇلۇڭ» يەرلەردىن پايدىلىنىپ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 190ى كۆپەيتىلدى...

  «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قىلىنغان، بارلىق ئىشلار پۇقرالارنى رازى قىلىش ئۈچۈن، ئاھالىلەرگە ئىشىكتىن چىقىشىغىلا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن» دېدى خۇڭچۇ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا 30 نەچچە يىل خىزمەت قىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چاڭنىڭ رايونى پىڭجۈ خىزمەت ئۆيىنىڭ كېڭەش باشلىقى جۇ گوپىڭ.

  جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قايتا- قايتا تاپىلىغان خىزمەت. «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئاچقۇچ ــــ تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش، يادرو ــــ ئادەم» «ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا ۋە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈلگەن بىر قىزىل سىزىق قىلىش» «شەھەر باشقۇرۇشنى خۇددى گۈل كەشتىلىگەندەك ئىنچىكە ئىشلەش»...

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى چۆرىدەپ، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت «6+1» ھۆججەت چىقىرىپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، 48 مىڭ ئادەمدىن تەركىب تاپقان بىر مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى، 20 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇلازىمىتى پونكىت-نۇقتىسى شەكىللەندى. ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلىرى تېخىمۇ كەسپىيلىشىپ، كەسىپلىشىپ، ياشلىشىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ «قەدىر-قىممەت تۇيغۇسى» «ئېرىشىش تۇيغۇسى» ۋە «مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى»غا ئىگە بولدى.

  ئاساسىي قاتلام قوشۇنى جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولسا، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى نۇرغۇن «كونا، زور، قىيىن مەسىلىلەر»نى ھەل قىلىش تەدبىرى بولىدۇ.

  ئەخلەتنى تۈر بويىچە ئايرىش بىر «ناھايىتى قىيىن» بولغان «ئاددىي ئىش»، قىيىنلىقى شۇ يەردىكى بىرەرسىنىڭ باشلامچى بولۇشىغا، ھەممە كىشىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشىگە موھتاج. كىم باشلامچى بولىدۇ؟ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مەھەللىلەردىكى پارتىيە ئەزالىرى.

  چاڭنىڭدىكى ئەيجيەن ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا، ئىشىك ئالدىغا ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى ئەخلەت ساندۇقلىرى قويۇلغان، ياندىكى تامدا ئاھالىلەر قولدا سىزغان ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش كۆرسەتمە ئىسخېمىسى بار. بۇ ھەرگىزمۇ «شەكىل»گە قويۇپ قويۇلغان ئەمەس، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاھالە كومىتېتى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى، مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىدىن ئىبارەت «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا» بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشتىن ئىبارەت بۇ «كىچىك ئىش»نى مەھەللىنى ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇشنىڭ تىرەك نۇقتىسىغا ئايلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە ئولتۇراق رايوندىكى %95 ئائىلە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، بەلگىلەنگەن نۇقتىدا، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ، كېمەيتىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  پارتىيە قۇرۇلۇشى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى، پارتىيەنىڭ تەشكىلاتى ۋە خىزمىتىمۇ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ جانلىق ھۈجەيرىلىرىگىچە سىڭدۈرۈلدى.

  شاڭخەيدە، ئېگىز-ئېگىز بىنالارمۇ «قەد كۆتۈرگەن مەھەللە». 632 مېتىر ئېگىزلىكتىكى شاڭخەي مەركىزىي بىناسى «تىك ۋەيتەن» دەپ قارىلىدۇ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى، باج تاپشۇرۇشتىكى تۆھپىسى بىر كىچىك شەھەرنىڭكىگە تەڭ كېلىدۇ. بىنانىڭ 22-قەۋىتىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 580 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت مەركىزىدە ھەم «قىزىل مېھمان قوبۇل قىلىش زالى»دىن ئىبارەت ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ھازىرلانغان مەيدان بار، ھەم «بوشلۇقتىكى گۈللۈك»تىن ئىبارەت نەپىس كۇتۇپخانا بۇلۇڭى، بەدەن چېنىقتۇرۇش رايونى ۋە ئارامگاھ بار، پارتىيە ئەزالىرى، ئامما بۇ يەردە ئارام ئېلىپ، پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

  شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى لۇجيازۈي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ يۈشياڭ مۇنداق دېدى: لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىدىكى %95 كارخانا «يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات»، 500 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، ئاممىنىڭ %70كە يېقىنى ئاسپىرانت ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. بۇنداق ئۆزگىچە سۇبيېكت ئالدىدا، پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانا ۋە پارتىيە ئەزالىرىدىن ئىبارەت كۆپ تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  ئىدىيە بايراق، ئىدىيە مەنبە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يەنە ئارزۇغا ئىنتىلىپ، شاڭخەي قامچىسىنى ئوينىتىپ ئات چاپتۇرۇپ سەپەرگە ئاتلاندى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 2-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.