شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئافرىقا ئىتتىپاقى 32-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەددىس-ئەبېبەدە ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىدىكى بايراق. بۇلتۇردىن بۇيان، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ يېتەكلىشىدە، ئافرىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئافرىقا دۆلەتلىرى مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە داۋاملىق بىردەك ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى، ئافرىقىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. مەن بۇنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇلتۇر 9-ئايدا، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، مەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ تەنتەنىلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدۇق. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063-يىل قارالمىسى»نى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمدە ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ قويۇق جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.