تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى. 2- ئاينىڭ 1- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 3- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ، زور تەدبىر، ئاڭلىق ھالدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان توپلانغان مۇستەھكەم ماددىي ئاساستىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت پارتىيەنىڭ بۇرچى، ئاساسىي مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلە، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىجتىمائىي مەسىلە. خەلق ئاممىسى ئويلىغانغا، ئىنتىلگەنگە، ئالدىرىغانغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن تۆۋەندىكى بىرقانچە پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك: بىرىنچى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئىككىنچى، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق؛ ئۈچىنچى، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتى؛ تۆتىنچى، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى؛ بەشىنچى، ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش؛ ئالتىنچى، يەر شارىۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق پىلانلاش. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشتا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېشىل تەرەققىياتقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئالدىن ئويلىشىدىغان ساھە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، مۇھىت تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، قىيىنچىلىق زور، بۇ، بىر مەيدان چوڭ جەڭ، قاتتىق جەڭ، مۈشكۈل جەڭ، جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، جايلار، تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.