تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن لى جۇيۇڭ بىلەن كۆرۈشتى ھەم چاۋشيەن دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئويۇنىنى كۆردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جۇڭفا، پەن جيې). جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 1- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى، خەلقئارا ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى جۇيۇڭ ئۆمەك باشلىقلىقىدىكى چاۋشيەن دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن چاۋشيەن دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ ئويۇن قويۇشىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى زىيارەت، ئويۇن قويۇش ھەم جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ھەم جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەبرىكلەش پائالىيىتى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، زىيارەت قىلىش، ئويۇن قويۇش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىدۇ.

  لى جۇيۇڭ ئالدى بىلەن كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە لى شۆجۇ خانىمنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خانىمغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ ئويۇن قويۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ لى جۇيۇڭغا كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە لى شۆجۇ خانىمغا سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2018- يىلىدىن بۇيان، مەن كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن تۆت قېتىم كۆرۈشۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيەت - سەنئەت ئالاقىسى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىچىلىكى ۋە ئەنئەنىۋىلىكى مول بولغان مۇھىم تەركىبىي قىسىم. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، مەن كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن جۇڭگو - چاۋشيەن مەدەنىيەت- سەنئەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋاملىق تۈردە جۇڭگو- چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى جۇيۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خانىمنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئويۇننى كۆرگەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ ئويۇن قويۇشى كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا بولغان ھەمدە چاۋشيەن خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى سەمىمىي ئىپادىلەيدۇ. چاۋشيەن تەرەپ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاۋشيەن- جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چاۋشيەن- جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن چاۋشيەن دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئويۇنىنى كۆردى. ئويۇن «چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقى مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدۇ» دېگەن مۇزىكا ئىچىدە باشلاندى. ئارقىدىن چاۋشيەن سەنئەتكارلىرى جۇڭگولۇق تاماشىبىنلارغا «ئا لى لاڭ» قاتارلىق چاۋشيەن مىللىتىنىڭ خاس مۇزىكىلىرىنى ۋە «چاڭجياڭ دەرياسى ناخشىسى» «ۋەتەننى كۈيلەيمەن» قاتارلىق جۇڭگو ناخشا- مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاپ بەردى، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار چاۋشيەن سەنئەتكارلىرىنىڭ ئېسىل ئويۇنىغا قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. ئويۇن «ئۇنتۇلغۇسىز بۈگۈنكى كېچە» دېگەن ناخشا ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. مەيدان خۇشاللىق ۋە دوستلۇق كەيپىياتىغا تولدى.

  ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن سەھنىگە چىقىپ، سەنئەتكارلار ۋە خىزمەتچىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئويۇننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۈنلەن، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم ئويۇننى كۆردى.

  چاۋشيەن دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ ئويۇن قويغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.