تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا ۋە مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئىنچىكە، پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ۋە مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە دۆلىتىمىز دۇچ كېلىدىغان خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئانالىز قىلدى، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ۋە دۆلىتىمىز دۇچ كېلىدىغان مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى سىستېمىلىق شەرھلىدى، مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، كۈچەپ مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسى، چوڭقۇر تارىخىي نەزەرى، چوڭقۇر كۈلپەت ئېڭى، روشەن مەسىلە يۆنىلىشىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەرمانى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، ھەقىقىي تۈردە مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتە تاشقى مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسنى تولۇق تونۇپ، خەۋپ- خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئومۇمىي يۈزلىنىشنى دائىم كۆزىتىپ، ئومۇملۇقنى دائىم كۆزدە تۇتۇپ، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، سۇ كەلگىچە توغان تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەتتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىنى تونۇش، مەسىلىنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنى ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىش مېخانىزمى، تەدبىر خەۋپ - خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا سىياسىي، ئىدېئولوگىيە، ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، جەمئىيەت، تاشقى مۇھىت، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈلگەن بىخ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تىرىشىپ زىددىيەت يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىپ، خەۋپ - خەتەر شەكىللىنىشتىن بۇرۇن تۈگىتىش كېرەك. كۈرەش قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشى، كۈرەش داۋامىدا چېنىقىشنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، تارىخىي تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ- خەتەر، خىرىسلارغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىدە توپلانغان مۇھىم تەجرىبىلەردە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بېرىلدى، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئاۋام قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە بولغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي - قانۇن قوشۇنىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، كەسپىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزامى قاتتىق، ھەرىكىتى قېلىپلاشقان، ئىستىلى ئەلا بولغان سىياسىي- قانۇن پولات قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۈنۈمى كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىدا مۇقىملىقنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.