تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، «يۇغۇرۇلغان»دىلا قۇدرەت تاپقىلى بولىدۇ

− پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

    بۇ تېخنىكىدىكى ھالقىش ئېلىپ كەلگەن بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش، بۇ شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىشىدا ئىشقا ئاشقان بىر مەيدان يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2014- يىلى مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى «ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. ھەر قېتىملىق مۇھىم يىغىنلاردا، ئاخبارات ئورۇنلىرىنى تەكشۈرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى قايتا- قايتا چوڭقۇر شەرھلەپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل 1- ئاينىڭ 25- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، «دەرسخانا»نى تاراتقۇلار يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى سېپىگە تەسىس قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن تاراتقۇ قۇرۇپ چىقىش بىز دۇچ كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك تەخىرسىز تېما بولۇپ قالدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇاڭ شياۋشى، شى جىڭنەن، ۋاڭ چى)

    يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا ئىلگىرىلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا قۇدرەت تاپىدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا غەلىبە قىلىدۇ.

    پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرى، بولۇپمۇ مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پائال ئاتلاندى، «كۆچمە بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى، «ئابۇنىچىلار ئېڭى» كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدى، «بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات»لار كەينى- كەينىدىن ئېكراننى قاپلىدى... «قوشۇلۇش» تىن «يۇغۇرۇلۇش»قىچە، «يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىش، قوشۇلۇپ بىر بولۇش»قا قاراپ داغدام قەدەم ئېلىپ، تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇ سېپى پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرى دولقۇنىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، زورىيىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ «جۇڭگو جاۋاب»ىنى يازدى.

    ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ھالىتى بىلەن دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىش

    تارقىتىش تارىخىغا نەزەر سالساق، تاراتقۇ تېخنىكىسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ھەممىسى ئاخبارات كەسىپ ھالىتىنى چوڭقۇر قايتا بەرپا قىلغان. پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدە، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

    ئىدىيەۋى تونۇشتىكى يۈكسەكلىك يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بەلگىلەيدۇ. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز تاراتقۇلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى «قوشۇلۇش»تىن «يۇغۇرۇلۇش»قا ئۆتۈشتەك سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتەك جاسارەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى.

    تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا ئادەمنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدۇر −

    خەلق گېزىتخانىسىنىڭ گېزىتخانا باشلىقى لى باۋشەن مۇنداق كۆرسەتتى: تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى «مەجبۇرىي» ئەمەس بەلكى «ئۆزلۈكىدىن» بولۇپ، مەيلى دۆلەتنى مۇقىم، ئەمىن قىلىش، ئاساسىي ئېقىم ساداسىنى زورايتىش يۈكسەكلىكىدىن بولسۇن ياكى «دۆلەت كوماندىسى»نىڭ پېيىنى چىڭىتىپ، ئۇستىخېنىنى ساغلاملاشتۇرۇش، زورايتىش، كۈچەيتىش نۇقتىسىدىن بولسۇن، يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ ھەممىسى تاراتقۇلارنىڭ ئۆز ئېھتىياجى، تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەرلىكى.

    2016- يىلى 10- ئايدا، خەلق گېزىتى يۇغۇرما تاراتقۇ خىزمەت ئىشخانىسى مېخانىزمى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، «يىبېن جېڭجىڭ»، «مالا سەيجىڭ»، «داجياڭدۇڭ» قاتارلىق 45 كەسىپلەشكەن، ۋېرتىكاللاشقان داڭلىق خىزمەت ئىشخانىسى شەكىللەندى. بۇ مېخانىزم مۇھەررىر، مۇخبىرلارنىڭ «كاتەكچە ماقالە قەغىزى»نى تاشلاپ، تارماق ھالقىپ، تاراتقۇ ھالقىپ، رايون ھالقىپ، تۈزۈلمە ھالقىپ، قىزىقىشىغا ئاساسەن ئەركىن گۇرۇپپىلىنىپ، تۈرگە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللىشىگە ئىلھام بەردى.

    «قەغەز تاراتقۇ دەۋرى»دىن «مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار»غىچە، ئاندىن يەنە «سىن، VR، H5 تولۇق كۆرۈنۈش»كىچە... زور بىر تۈركۈم «قەلەمنى ئېلىپلا يازالايدىغان، مىكروفوننى توغرىلاپلا سۆزلىيەلەيدىغان، ئاپپاراتنى كۆتۈرۈپلا تارتالايدىغان» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، تېخىمۇ زور يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى بىلەن ئابۇنىچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئاخبارات مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇش سىنىقىدا «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇپ تاۋلاندى. تەپەككۇرنىڭ ئۆزگىرىشى، مول ئەمەلىيەت مۇھەررىر، مۇخبىرلارغا «پۈتۈن تاراتقۇنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ» «يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرلىرى نېمە ئىش قىلسا قىلالايدىغان بولۇش، نېمە ئىش قىلسا ۋايىغا يەتكۈزىدىغان بولۇش كېرەك»لىكىنى ھېس قىلدۇردى.

    پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشىپ مېڭىشتا، بىردىنبىر ئۆزگەرمەيدىغان ھالەت ئۆزگىرىشتۇر −

    خەلقئارادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە دۇنياۋى ئاگېنتلىقنى تېزدىن قۇرۇش يېڭى دەۋردىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كۈرەش نىشانى. «بىز تاراتقۇنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، يۇغۇرما تەرەققىياتقا ماس كېلىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، <يېڭىچە> بولۇشقا قاراپ ئاتلىنىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك»، دېدى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاگېنت باشلىقى سەي مىڭجاۋ.

    دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوخشاش بولمىغان ئابۇنىچىلارغا يۈزلەنگەن، كۆپ خىل ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان پۈتۈن تاراتقۇ ماقالە تەمىنلەش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، خاسلاشقان ئىشلەپچىقىرىش، كۆرۈنمە نامايان قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يوللاش، ھەمتۈرتكىلىك تارقىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئابۇنىچىلار ۋە قوبۇللىغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ قىسقا سىن، مىكرو كارتون- ھەجۋى سۈرەت، ھەرىكەتچان ئاخبارات قاتارلىق مىكرو تارقىتىش، يېنىكلەشتۈرۈلگەن مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىدى.

    تور ئۇچۇرى ئالدىنقى سەپ تېخنىكىسىنى ئاخبارات تارقىتىش ئەمەلىيىتىدە قوللىنىش جەھەتتە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى. 2015- يىلى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان «كۈەيبى شياۋشىن» ماشىنا ئادەم ماقالە يېزىش سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، دۆلەت ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ماقالە يازىدىغان ماشىنا ئادەمنى ئىشلەتكەن تاراتقۇ ئاپپاراتى بولۇپ قالدى. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى يەر شارىۋى تاراتقۇدا تۇنجى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇپا «تاراتقۇ چوڭ مېڭە»نى ئېلان قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تەھرىر بۆلۈم قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2018- يىلى 11- ئايدا، يەر شارىدىكى تۇنجى بىرىكمە ئاخبارات دىكتورى− «AI بىرىكمە دىكتور» 5- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىدا مەيدانغا چىقتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ «يېڭى خىزمەتچىسى» ئەڭ يېڭى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، راست ئادەم دىكتورغا ئوخشاش دىكتورلۇق ئىقتىدارىغا ئىگە «بۆلۈنمە تەن»نى كىلونلاپ چىقىپ، ئاخبارات ساھەسىدە ئەمەلىي ۋاقىتتىكى ئۈن- سىن بىلەن AI راست ئادەم ئوبرازىنى بىرىكتۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. 2018- يىلى 12- ئايدا، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ۋە جابدۇققا ئىگە تاراتقۇ ئىجادىيەت ئىش مەيدانىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات يارىتىشنى قۇدرەتلىك تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

    رەقەم تېخنىكىسىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىدا كۆڭۈلدە «سان» بولۇش كېرەك −

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئىستانسا باشلىقى شېن خەيشيۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن تاراتقۇ، رەقەملەشكەن تەرەققىيات چوڭ دولقۇنىنى چىڭ تۇتۇپ، «پىلمۇ كوچا ئۇسسۇلى ئويناشنى ئۆگىنىشى كېرەك» دەيدىغان غەيرەت بىلەن رەقەملىشىشنى كۈتۈۋېلىش، رەقەملىشىشنى قۇچاقلاش كېرەك؛ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا، يېڭى تاراتقۇ، يېڭى سۇپىنى ياخشى قۇرۇش، ياخشى قوللىنىش كېرەك.

    مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، «ئىستانسا بىلەن تورغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئاۋۋال تور ئاندىن ئىستانسا» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەم، مالىيە، ماددىي سېلىنمىنى ئالاقە تورىغا مايىللاشتۇرۇپ، ئابۇنىچىلارنىڭ تەسىراتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇردى.

    «ئالاقە تورى + باش ئىستانسا» ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى ئاستىدا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى «بىر تور + بىر تېرمىنال + يېڭى تاراتقۇ توپلاشتۇرۇلغان يىراقتىن كونترول قىلىش سۇپىسى + بازار ئۇچى بىلەن تۇتاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش ئەندىزىسىنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بەرپا قىلماقتا ھەم قۇدرەتلىك تاراتقۇ «مەركىزىي سۇپا»سى قۇرۇشقا كۈچەپ، بىرلىككە كەلگەن سانلىق مەلۇمات توپلاش ئىقتىدارى، ھېسابلاش ئىقتىدارى، ئايرىۋېلىش ئىقتىدارى، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، مەزمۇن، سۇپا، ئابۇنىچىنى دەل تۇتاشتۇرۇپ، مەزمۇننىڭ دەل، توغرا بۆلۈپ تارقىتىلىشىغا ۋە مۇلازىمەتنىڭ دەل، توغرا يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورىنىڭ «سانلىق مەلۇمات مەركىزى سۇپىسى» «كۆپ تېرمىنال تۇتاشتۇرۇلغان، بىرتۇتاش باشقۇرۇلىدىغان» سانلىق مەلۇمات توپلاش، ئانالىز قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى كۆپ تېرمىنالىنىڭ قاپلاش ئەھۋالى ھەم تارقىتىش ئۈنۈمىگە قارىتا ئومۇمىي ئېقىم مىقدارىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، باھالاش، ئانالىز قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ھەر كۈنى ئابۇنىچىلارنىڭ زىيارەت قىلىش خاتىرىسى 10 مىليارد قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى. مۇشۇ ئاساستا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتنىڭ تاشقى سانلىق مەلۇماتىنى ھەمكارلىشىپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق تېخىمۇ مول، كۆپ مەنبەلىك پۈتۈن رايون تاراتقۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، رەقەملىشىشكە قاراپ ئۆزگىرىشكە تىرەك بولدى.

    بىر تورداش باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئاساسىي ئېقىم ئاخبارات تاراتقۇلىرى ناھايىتى «مودا» بولماقتا. تەپەككۇر «قاشا»سىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يۇغۇرما سۈپەت ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزىدىغان قايتا ئاتلىنىش داۋامىدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى يېپيېڭى ۋەزىيەت ئاچقۇسى.

    يۇغۇرما ۋاسىتە ئارقىلىق ئاساسىي ئېقىم بازىسىنى زورايتىش

    ئوقۇرمەنلەر قەيەردە بولسا، قوبۇللىغۇچىلار قەيەردە بولسا، تەشۋىقات، خەۋەرنىڭ ئانتېنناسى شۇ يەرگە يەتكۈزۈلۈشى، تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى شۇ يەرگە قويۇلۇشى كېرەك.

    ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى 6- ئايغىچە، دۆلىتىمىزدىكى تور ئەھلى كۆلىمى 802 مىليونغا، يان تېلېفون تور ئەھلى كۆلىمى 788 مىليونغا يېتىپ، تور ئەھلىنىڭ يان تېلېفون ئارقىلىق ئالاقە تورىغا كىرىش نىسبىتى %98.3كە يەتكەن. كۆچمە ئالاقە دەۋرىدە، «تېرمىنال ئادەمگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئۇچۇر ئادەمنى چۆرىدەپ ئايلىنىش» تارقىتىشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆچمە بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى كۆچمە تارقىتىشنىڭ ياردىمىدە، ئاممىۋى پىكىرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئىدىيەگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىدىغان، خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان تارقىتىش ئېگىزلىكىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك.

    كۆچمە تاراتقۇ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، «گېزىت، تور، تېرمىنال، مىكرو تاراتقۇ، ئېكران» ئېچىلىۋاتىدۇ −

    يوللارنى كېڭەيتىشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو گېزىتخانىسى «چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش، كۆچمە بولۇشنى ئالدىن يولغا قويۇش» ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، 700 مىڭ نۇسخا تارقىتىلىدىغان بىر ئىنگلىزچە گېزىتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى 200 مىليوندىن ئارتۇق ئابۇنىچىنى قاپلىغان پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش سۇپىسىغا ئايلاندۇردى. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو گېزىتى تېرمىنالىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى چۈشۈرۈش ئابۇنىچىسى 18 مىليوندىن ئېشىپ، ئابۇنىچى 140تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى.

    ئىقتىساد گېزىتخانىسى كۆچمە تارقىتىش يېڭى سۇپىسى، يېڭى بازا قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، ئىقتىساد گېزىتىنىڭ ئاخبارات تېرمىنالىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىنى ئىككى قانات قىلغان، ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسىنى تولۇقلىما قىلغان كۆچمە تارقىتىش يېڭى تاراتقۇ ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. قىسقا سىندىن ئىبارەت بۇ «شامال ئېغىزى»غا قارىتا، ئىقتىساد گېزىتخانىسى «قىسقا سىن خىزمەت ئىشخانىسى» قۇرۇپ، دوۋيىن، كۈەيشوۋ قاتارلىق سۇپىلاردا «شياۋلىن كەنشۇ» قاتارلىق داڭلىق ئىستونلارنى يولغا قويۇپ، ئاممىغا ناھايىتى يېقىنلاشتى.

    يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى قۇرۇلۇپ، «لايىھەلەش، زىيارەت قىلىش، تەھرىرلەش، تارقىتىش» قايتا بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ −

    ئاخبارات ئۇچۇر مەزمۇنىنى «بىر قېتىمدىلا توپلاش، كۆپ تاراتقۇدا كۆرسىتىش، كۆپ يولدا تارقىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئورتاق تونۇش ۋە يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. مەركەزدىن يەرلىككىچە، ئاخبارات ئورۇنلىرى بەس- بەستە ئىچكى قىسىم تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى بىرىكتۈرۈپ، پۈتۈن تاراتقۇ ياكى يۇغۇرما تاراتقۇ ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، زىيارەت قىلىش، تەھرىرلەش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىقلاشقان ۋە تارقىتىش يوللىرى تولۇق ئىقتىدارلاشقان «جۈپ بولۇپ ئۇچۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

    نۇر گېزىتخانىسى 2015- يىلى 4- ئايدا يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇردى ھەم مۇشۇ ئاساستا نۇر گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ باش مۇھەررىر ئىشخانىسى قۇرۇپ، پۈتۈن تاراتقۇ قوماندانلىق سۇپىسىنى يولغا قويۇپ، «زىيالىيلارنىڭ ئالقاندىكى مەنىۋى ماكانى»نى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

    ناھىيە دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2018- يىلى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر بازىسى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى، مەھەللە ئۇچۇر تۈگۈنى بەرپا قىلىندى. كۆپلىگەن ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ۋىۋىسكا ئېسىلىپ قۇرۇلۇپ، تارقىتىش ئانتېنناسى مىڭلىغان- تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى، يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ زور ۋەزىيىتى شەكىللەنمەكتە.

    زامانىۋى تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، سۇپا قۇرۇلۇشى تېز ھەم پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى −

    بىر گېزىتتىن «سۇپا + مەزمۇن ئىشلەپچىقارغۇچى»غىچە، خەلق گېزىتخانىسى يېڭى ئەندىزىنى سىناق قىلىپ ئىشلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئابۇنىچىغا ئۇلاپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان مەزمۇن ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلدى. تورغا چىقىرىلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان «خەلق» ناملىق مەملىكەتلىك كۆچمە يېڭى تاراتقۇ توپلانما سۇپىسىغا 7000 دىن ئارتۇق تاراتقۇ ئاپپاراتى قوبۇل قىلىندى، ماكانلاشتى، بىر قىسىم سۈپەتلىك ئۆز تاراتقۇلارمۇ بەس- بەستە ماكانلاشتى، سۇپىدا تەكشۈرۈلۈپ يوللىنىدىغان كۈندىلىك ئەسلىي ئىجادىي ئۇچۇر 3500دىن ئاشتى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاراتقۇلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان «نەق مەيدان بۇلۇتى» خەۋەرنى توردا ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ماكانلاشقان تاراتقۇلارنى كۆچمە تېرمىنال ئاساسىدىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت قىلىش، تەھرىرلەش، تارقىتىش ئىقتىدارى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش ئۈچۈن مۇخبىر، مۇھەررىرلەر يازغان، سۈرەتكە تارتقان ھامان يوللايدىغان، تاپشۇرۇۋالغان ھامان تەكشۈرىدىغان، تارقىتىدىغان بولدى. نۆۋەتتە، «نەق مەيدان بۇلۇتى» 3000دىن ئارتۇق تاراتقۇ ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگىنىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈندە 379 مەيدان بىۋاسىتە خەۋەر بېرىپ، مەملىكەت بويىچە كۆچمە بىۋاسىتە تارقىتىش ئاساسىدىكى قىسقا سىنلارنى توردا پىششىقلايدىغان ئەڭ چوڭ سۇپىغا ئايلىنىپ، يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلدى.

    مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىدىغان سۇپا قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆچمە بىۋاسىتە تارقىتىدىغان ۋە ئاخبارات سىنلىرىنى بۆلۈپ تارقىتىدىغان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات كۆچمە تورىدا «مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك ئاقىل يۇغۇرما تاراتقۇ سۇپىسى»نى تورغا چىقىرىشنى ئاساس قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ سېپى تارقىتىش سۇپىسى بەرپا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 4K ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قانالنى تورغا چىقىرىپ، 5G لىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى بەرپا قىلدى ھەم سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈردى.

    مەھسۇلاتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، يوللارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن سۇپىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلار ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلىدى، بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلدى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر بازىسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، زورايدى.

    مەزمۇندا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دەۋرنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىش

    ئاساسىي قوشۇن ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا كىردى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى تارقىتىش ۋاسىتىسىنى كۈچەيتىش ۋە سۆز قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئىدىيەگە، ئىللىقلىققا، سۈپەتكە ئىگە يۇغۇرما تاراتقۇ نادىر ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچى ئارقىلىق ئالاقە تورىدا ئىجابىي تەشۋىقاتنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى «ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرگۈزۈپ»، تور بوشلۇقىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى تېخىمۇ ياڭراتتى، ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

    ئاخبارات سېپى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ياخشى تەشۋىق قىلىشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدە كىشىلەر ياقتۇرىدىغان شەكىلدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى جانلىق شەرھلەش، كەڭ تارقىتىشقا تۈرتكە بولدى.

    خەلق گېزىتخانىسى «باش شۇجىنىڭ خەلققە بولغان مۇھەببىتى» ناملىق بەش پارچە چاتما خەۋەر ۋە «يېڭى ئىدىيە ئەمەلىيەت داۋامىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» ناملىق 14 پارچە چاتما خەۋەرنى پىلانلاپ ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە خەۋەرنىڭ خەلق گېزىتى تېرمىنالىدا كۆرۈلۈش مىقدارى 45 مىليون قېتىمدىن ئاشتى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى «قەلب رىشتى»، «جاۋاب»، «قەسەم»، «ئاشۇ يىلى بىز 21 ياشتا» قاتارلىق كۆز يۈگۈرتۈش مىقدارى 100 مىليون قېتىمدىن ئاشقان 50تىن ئارتۇق ۋەزىنلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، «ئاشۇ يىلى بىز 21 ياشتا»نىڭ ئومۇمىي تارقىتىلىش مىقدارى 570 مىليون قېتىمغا يەتتى، «قەسەم» دۆلەت مۇزېيىنىڭ «گۈللىنىش يولى»غا قوبۇل قىلىنىپ كۆرگەزمە قىلىندى.

    مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى سىياسىي خەۋەرلەر «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئېتىپ، سىياسىي خەۋەرلەر V نەزەرى مىكرو سىن، سىياسىي خەۋەرلەر كۆزنىكى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىرىنچى ۋاقىتتا توغرا خەۋەر بەردى، ماسلىشىپ خەۋەر قىلىشتا ئىككىنچى چۈشۈش نۇقتىسىنى كېڭەيتىش، ئۇزارتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە باش شۇجىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان چاغدىكى تەسىرلىك پەيتلەرنى شەرھلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالىيجاناب خىسلىتىنى نامايان قىلدى.

    جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋرنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى توردا مەۋج ئۇردى.

    2018- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى، مىليونلىغان خەلق رەئىس شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان 2019- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىن بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلەردىكى تولۇپ تاشقان جاسارەت ۋە قەتئىيلىكنى ئەسلەپ ئۆتتى، داۋاملىق ئارزۇغا ئىنتىلىدىغان غەيرەت ۋە ئىشەنچكە تولدى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات يېڭى تاراتقۇسى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق چوڭ ئېكران + كۆچمە كىچىك ئېكران» «ئۇزۇن سىن + قىسقا سىن» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ ئومۇمىي كۆرۈلۈش مىقدارىنى قىسقىغىنا بىر سائەت ئىچىدە 160 مىليون قېتىمدىن ئاشۇردى، يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزدىكى «ئالتۇندەك جۈملىلەر» تېزدىن توردا تارقالدى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ كۆپ خىللاشقان تارقىتىشى ئارقىلىق «يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەش» «تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش» «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» قاتارلىق ئاددىي- ساددا، كۈچلۈك سۆز- ئىبارىلەر كىشىلەر قەلبىگە ئورنىتىلدى، دەۋرنىڭ كۈچلۈك ساداسى مىليونلىغان ئاممىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئاكتىپ كۈچكە تولدۇردى.

    يېڭى جۇڭگوغا ئالقىش ياڭراتقان ھەقىقىي مۇھەببەت توردا تارقالدى.

    خەلق گېزىتخانىسى يۇغۇرما تارقىتىشنىڭ كۆچمە بولۇش، سىنلىشىش، ياشلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، «دەۋر مۇزېيى» باش تېما پائالىيىتى، H5 «قاراڭ! بۇ بىزنىڭ ھەربىي فورما كىيگەن سۈرىتىمىز»، «جۇڭگو بەك قالتىس» ناملىق ئىشارەتلىك ئۇسۇل بويىچە كۈچ ئۇلاپ جەڭ ئېلان قىلىش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى «دۆلەت ئالبومى، تارىخقا ھۆرمەت بىلدۈرۈش− شىنخۇا ئاگېنتلىقى جۇڭگو سۈرەتلەر ئارخىپخانىسىنىڭ يىغىپ ساقلانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى»نى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» «قىزىل خىسلەت» «19- قۇرۇلتاينى ئالقىشلايمىز، جۇڭگو قۇدرەت تاپتى» «ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىكى 40 يىل: سىز بىلەن مېنى ئۆزگەرتكەن ئاشۇ ھېكايىلەر» قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئىجادىيەت بىلەن تېخنىكا بىرلەشتۈرۈلگەن، تور ئىچى- سىرتى تۇتاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ، توردا ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر كۈچلۈك ۋەزىيىتىنى ياراتتى.

    يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ھېكايىلىرى «بارماق ئۇچى» ئارقىلىق تارقىتىلدى.

    جۇڭگو گېزىتخانىسى چەت ئەللىك مۇخبىر، مۇھەررىرلەر قوشۇنىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئامەتلىك جۇڭگو» «شىفىر يەشكۈچى جۇڭگو» قاتارلىق قىسقا سىن ئىستونلىرىغا تايىنىپ، «ئەنگلىيەلىك ئاكا» فاڭ دەن، «ئامېرىكىلىق ئاكا» ئەيرۇك، «ئەنگلىيەلىك سىڭىل» شارلۇت قاتارلىق «تور چولپىنى» مۇخبىرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، «چەت ئەللىكلەرنىڭ كۆزى» ئارقىلىق جۇڭگونى كۆرۈپ، «چەت ئەللىكلەرنىڭ ئېغىزى» ئارقىلىق جۇڭگونى سۆزلەپ، باش تېمىلىق خەۋەرلەرنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى «New China» ئۈندىدار سۇپىسى ليەنپۇ، تۈيتې، يوۋتۇ، Instagram، ليەنۋو، VKدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ سۇپىدا 19 خىل تىل ئارقىلىق ماقالە ئېلان قىلدى، ئومۇمىي ئەگەشكۈچىلىرى 100 مىليوندىن ئېشىپ، ئاساسىي ئۈندىدار سۇپىسىدا ماقالە ئېلان قىلىش مىقدارى، كۆز يۈگۈرتۈش مىقدارى، ھەمتۈرتكە مىقدارى قاتارلىق يادرولۇق كۆرسەتكۈچلەر دۇنياۋى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ بىرىنچى چاسا رېتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ، «جۇڭگو ساداسى»نى تېخىمۇ ئېنىق، جاراڭلىق ياڭراتتى.

    ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىدا چوقۇم مەزمۇندا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى پۇختا، چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ياخشى ئىگىلەپ، زور مىقداردا رىقابەتلىشىشتىن سۈپەتتە رىقابەتلىشىشكە ئۆزگىرىپ، ئېقىم مىقدارىنى مۇجەسسەملەشتىن كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە ھالقىپ، مەزمۇن ئەۋزەللىكى ئارقىلىق تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

    تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى كىشىلەر ئەزەلدىن مېڭىپ باقمىغان يول بولۇپ، جەزمەن داۋان ئېشىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش كېرەك، شۇنداقلا ئۇنىڭدا مۇقەررەر ھالدا يېڭى خىرىسلار مەۋجۇت. بىراق ئىسلاھاتنىڭ چېكى يوق، يېڭىلىق يارىتىش مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يولنى ياخشى مېڭىپ، بۇرچنى، ۋەزىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىدە زور نەتىجىلەرنى ياراتقىلى، شۇنداقلا يېپيېڭى كەيپىيات شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.