تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

   چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

   باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

   شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى، ياڭ شىن رىياسەتچىلىك قىلدى

1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋتۇڭ، لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە- ئۈنۈمى ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمى توغرىسىدىكى ئىلمىي يەكۈنىنى، پارتىيەمىزنىڭ مەڭگۈ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاشتىكى غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرى توغرىسىدىكى چوڭقۇر بايانلىرىنى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شۇجى جاۋ لېجىنىڭ سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

   چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2019-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنىڭ مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلىرى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، قوغداپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

   بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا، بارلىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئۇنى ھەقىقىي تۈردە قەتئىي ئېتىقادقا، ئاڭلىق ئىشەنچكە، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا، ئىقتىدار سەۋىيەگە ئايلاندۇرۇش، قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ئېڭى، كۈرەش روھى، كۈرەش شىجائىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

   ئىككىنچى، بايراق روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەرمانى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭ ساقلاشنى «سىنتاش» قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى تونۇش ۋە ئەمەلىي ئىپادىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، باشتىن- ئاخىر بايراق روشەن، مەيدان مۇستەھكەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

   ئۈچىنچى، ئېسىل ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي «تۆت خاھىش»نى تەكشۈرۈپ، «تۆت كەيپىيات»نى تۈزىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك پولات قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمە قىلىشتا، «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى چەكلەشنى پارتىيە ۋە ئەلرايىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم يولى قىلىشتا، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشنى باش ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئوننى قىلىش، ئوننى قاتتىق چەكلەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، قاتتىق تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ياخشى ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئىنتىلىپ، قۇرۇق گەپ قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، چىڭ تۇتۇپ، نەتىجە- ئۈنۈم يارىتىش كېرەك؛ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇش جاسارىتى ۋە روھىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تەشكىللىك، پىلانلىق ھالدا كادىرلارنى مۇھىم، زور كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئەۋەتىپ ئەمەلىيەت ئارقىلىق چېنىقتۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتىدە چېنىقىش، ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەش كېرەك.

   تۆتىنچى، چىرىكلىكنى جازالاپ تۈزەشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش كېرەك. ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسىدىكى «تۆت خىل ھالەت»نى ياخشى ئىشلىتىپ، ئىنتىزامنى زەرەتلىك «يۇقىرى بېسىملىق توك سىم»ىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. جازالاپ تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، نىشانلىق داۋالاش، دەل جايىدا جازالاپ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەپ تارتمىغانلارنى بەدەل تۆلەتكۈزۈش كېرەك. تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ماھىيەتتىن تۈزەش ئاساسىنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ، ھوقۇقنىڭ ئاشكارا يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   بەشىنچى، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاممىنى كۆزلەش، ئاممىغا بەخت يارىتىش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش جەريانىدا ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى جازالاپ تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

   ئالتىنچى، كۆزىتىش-كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەرگە بارسا، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى شۇ يەرگىچە يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا، بۇيرۇق-تەلەپلىرىنىڭ جەزمەن ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆزىتىشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇنتىزىم كۆزىتىش، مەخسۇس كۆزىتىش، ھەرىكەتچان كۆزىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ «كېيىنكى ئىشلىرى»نى ياخشى ئىشلەپ، «قايتا قاراپ چىقىش»نى دەل ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇش كېرەك. كۆزىتىش ۋەزىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش-كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان نازارەتچىلىك تورى بەرپا قىلىپ، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ سىياسىي نازارەتچىلىك فۇنكسىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ نوپۇزى ۋە ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

   يەتتىنچى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، قوماندانلىق قىلىش، بايلىق-كۈچنى بىرىكتۈرۈش، تەدبىر، ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ ماسلىشىش، يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش كېرەك. تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ ئىسلاھاتتىكى «قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى»لىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش، ھەل قىلىشقا ۋاقتىدا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزلىك بىرتۇتاش بولغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك رېۋىزىيە سىستېمىسىنى تېز ئورنىتىش كېرەك.

   چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرى ياخشى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇپ، بەنزىنى ياخشى تۇتۇشى، قوشۇننى ياخشى يېتەكلىشى، ئۆزىنى ياخشى باشقۇرۇشى، ياخشى ئۈلگە بولۇشى كېرەك؛ بەنزە ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت»نى ياخشى ئادا قىلىپ، ئۆزى مەسئۇل دائىرىدىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا بولغان دائىملىق نازارەت قىلىش ۋە ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق باشقۇرۇش ئارقىلىق چوڭقۇر مۇھەببەتنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئۈلگىلىك رولنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تىرىشىپ «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈلگىسى، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش ئۈلگىسى، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈلگىسى، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈلگىسى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈلگىسى، پارتىيە ئىچىدىكى ساغلام يولداشلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيەنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئورگانلاردىكى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى قۇرۇشى كېرەك؛ كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى ماھارەتنى مەشىق قىلىپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىدارنى كۈچەيتىشى كېرەك. كۈچەپ ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. تەشۋىقات، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

   ياڭ شىن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتايلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

   يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.