تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇشى، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك

—— كەڭ كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

  ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتى يارىتىش كېرەك. ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يېقىندا ئېچىلغان مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

  كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى سۆزنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ- ئامان جۇڭگو قۇرۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ بېيىتىش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك.

  خەلقنى مەركەز قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئېففېكتىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلەندۈرىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتى يارىتىش كېرەك.

  «سۆز سىياسىي-قانۇن خىزمىتىدە خەلقنىڭ دەۋا تەلىپىنى مەركەز ۋە چىقىش نۇقتىسى قىلىشنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردى». خېبېي ئۆلكىسى چيۇشيەن ناھىيەلىك پارتكوم سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ يۈ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چيۇشيەن ناھىيەسى يېزا- بازارلاردا «بىر يېزىدا بىر سوتخانا» قۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئەدلىيە مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتتى. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز سۆزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرىمىز».

  يېرى كەڭ، نوپۇسى ئاز چىڭخەيدە، «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ كەسىپ بېجىرىش تەرتىپىنى سەرخىللاشتۇرۇش، خەلقنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ يېقىشلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش نىشانىغا ئايلاندى.

  شىنىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چېڭبېي شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى 3- ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى خېڭ لۇڭشېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۆبە ئىدارە «قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئاشكارىلاش سۇپىسى»نى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغان. «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەر تەرەپلىمە ئاشۇرىمىز» دېدى خېڭ لۇڭشېڭ.

  ئاسمان تېخىمۇ كۆك، سۇ تېخىمۇ سۈزۈك، ھاۋا تېخىمۇ ساپ، يېمەكلىك تېخىمۇ بىخەتەر بولۇشنىڭ ھەممىسى ئاممىنىڭ ئارزۇسى. بۇلتۇر پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى مۇھىت بايلىقى، يېمەكلىك، دورا قاتارلىق ساھەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش ساھەسىدىكى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋا دېلولىرىنى بېجىرىشنى كۈچەيتتى.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھىرى يىنەن ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى سۈي يۈنشيا مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلدى، خەلق تەپتىش ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇھىت بۇلغىنىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەنپەئەتكە ئېغىر زىيان سېلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا يۈكسەك سەزگۈرلۈكۈمنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، ئومۇم ئۈچۈن تەپتىشلىك قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقنى باشتىن- ئاخىر قەلبىمگە پۈكىمەن.

  ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە ئۈنۈملۈك يېڭىچە ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەھەللىنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە ئۈنۈملۈك يېڭىچە ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  «بۇ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.» خۇبېي ئۆلكىسى شيەننىڭ شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فېڭ چۈەن مۇنداق دېدى: شيەننىڭ شەھىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى تۈگۈن قىلغان، ھەر خىل ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تايانچ قىلغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى خىزمەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا «ئامما ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش چەمبىرىكى» «جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش چەمبىرىكى» «تورلاشقان مۇلازىمەت چەمبىرىكى» «ئامانلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش چەمبىرىكى» بەرپا قىلىپ، سىياسەت ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەقىل- پاراسەت ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتەك «بەش ئىدارە قىلىش»نىڭ يۇغۇرما رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى تەدرىجىي كۆپ مەنبەلىشىپ تەرەققىي قىلدى، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ساھەسىدىكى «چىگىش مەسىلە»لەرنى تۈگىتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ مۇكەممەللەشتى.

  مەھەللە بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتقىنىغا 20 يىل بولغان جېجياڭ ئۆلكىسى جۇجى شەھىرى جىياڭ كوچا باشقارمىسى جياڭشىن مەھەللىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر چېن ۋېيچىن گېزىتتىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگەندى، «سۆز بىزدەك مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭى دەۋردە ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزنى كۆرسەتمە ۋە مىزانغا ئىگە قىلدى. بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ ۋە مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشتىكى يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان مەھەللە قۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كەسپىي خادىملارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى، پىدائىيلارنىڭ ئۆزى خالايدىغان ئىشنى قىلىشى، پۇقرالارنىڭ پۇقرالارنىڭ ئىشىنى قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك».

  مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شاڭخەي جۇڭخاۋ ئادۋوكاتلىق ئورنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى مەخسۇس تەشكىللىنىپ ئۆگەندى. «يېڭىچە ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئاساسنى چىڭىتىپ، ئۇلنى پۇختىلاشتىكى بىر مۇھىم مەقسەت، قانۇنچىللاشتۇرۇش بولسا يېڭىچە ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل.» ئادۋوكاتلىق ئورنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇڭ چىڭخۇا مۇنداق قارىدى: كەڭ ئادۋوكاتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىچە ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئاساسىي قاتلام قانۇنچىللىق ئېڭىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇننى چۈشىنىدىغان، قانۇننى بىلىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك

  تيەنجىن ۋۇچىڭ رايونى دۇڭپۇۋا كوچا باشقارمىسى خېڭتۇڭ خۇايۈەن مەھەللىسىدە، «لاۋمېن مۇرەسسە خىزمىتى ئىشخانىسى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان ئۆينىڭ ئالدى بازاردەك قىزىپ كېتىدۇ. ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇرەسسەچى مېن شۇشياڭ ھەر كۈنى بۇ يەردە خالىس «كېسەل كۆرۈپ»، قولۇم- قوشنىلارنىڭ زىددىيەت، ماجىرالىرىنى ياراشتۇرۇپ قويىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىياسىي- قانۇن تارماقلىرىنىڭلا ئىشى ئەمەس، ئۇ ھەربىر كىشىنىڭ مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىغا موھتاج. مەن ئۆزۈمنىڭ قانۇن بىلىملىرى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىمدىن پايدىلىنىپ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن پۇقرالارغا ئازراق ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئىنتايىن خالايمەن» دېدى مېن شۇشياڭ.

  «جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر- ساقچىلىرى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇلار ئامانلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي قوشۇن.» گۇاڭشى يۈلىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى جۇاڭخاۋ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى «ئاسماندا تور قۇرۇلۇشى» «سۈزۈكلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى»نى ئاساس قىلغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش بويىچە ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، زىددىيەت، خەۋپ- خەتەر مەنبەسى ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زىددىيەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىشى كېرەك.

  تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان لياۋنىڭ ئۆلكىسى فۇشىن شەھىرى جاڭۋۇ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئامما ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپ كەڭ قاتناشقان يېڭىچە شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچى، ئەڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچى ۋە ئاخىرقى باھا بەرگۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشتىكى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنغا بويسۇنغان، ئىنتىزامغا رىئايە قىلغانلارنىڭ كۆڭلىنى يايرىتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، ئەخلاقىنى يوقاتقانلارنى بىر قەدەممۇ ئىلگىرى باسالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش كېرەك.

  «چېگرا رايونغا جايلاشقان ئۆلكىدىكى ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇلتۇر بىزنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىش، ئاياغلاشتۇرۇش نىسبىتىمىز%86.11 كە يەتتى، ئىجرا قىلىش، ئاياغلاشتۇرۇش نىشان سوممىسى 2 مىليارد 577 مىليون يۈەن بولۇپ، تىرىشىپ ئادىل، ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى <ئاخىرقى بىر كىلومېتىر>نى تۇتاشتۇردۇق.» يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرى گۇەندۇ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى سۈن خۇا مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كېيىنكى قەدەمدە، بىز ھەربىر دېلو ۋە ھەربىر دەۋالاشقۇچىغا چىن قەلبىمىزدىن مۇئامىلە قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.