مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 2- قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن چۈەنگو، شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى. شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ سايلام ۋە ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، چارە لايىھەسىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتى تەسىس قىلىش ۋە ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، قارار لايىھەسىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.