تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ئېچىلدى

  چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، نۇرلان ئەبىلمەجىن، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

  شۆھرەت زاكىر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، شاۋكەت ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلدى

  1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

  1000 كىشىلىك يىغىن زالى تەنتەنىلىك، قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى، دۆلەت گېربى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقا پەردىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان بولۇپ، ئىككى تەرىپىگە ئون قىزىل بايراق قويۇلغانىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىدۇ.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن چېن چۈەنگو، شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار ۋە قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 541 كىشى. بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل 506 كىشى بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، باشلىنىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى شاۋكەت ئىمىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

  يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، 2018- يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر؛ ئىككىنچى، 2019- يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە «ئىككى يۈرۈش بەنزە» خىزمەت مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەر خىل خەۋپ- خەتەر، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ يېڭى قەدەم تاشلىدۇق.

  شۆھرەت زاكىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش؛ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم نۇقتىلىق خىزمەتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات- تەرەققىياتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۆتكەن بىر يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: 2018- يىلى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقى مۇقىم بولدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

  شۆھرەت زاكىر بەرگەن دوكلاتتا بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى مۇنداق: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر- بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە كونترول قىلىش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى %3 ئىچىدە كونترول قىلىش قاتارلىقلار.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: 2019- يىلى ئون جەھەتتىكى مۇھىم، نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك: بىرىنچى، باش نىشاننى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاش كېرەك؛ ئۈچىنچى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ تۆتىنچى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك؛ بەشىنچى، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئالتىنچى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك؛ يەتتىنچى، ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ زاپاس كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ سەككىزىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ توققۇزىنچى، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىناق ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئونىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  شۆھرت زاكىر يەنە بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات- تەرەققىياتىنى قوللاش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاش، خەلق رازى بولىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن بايان قىلدى.

  يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىن ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بار. ئاپتونوم رايوندىكى قىسمەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تەكلىپكە بىنائەن باشلىنىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.