تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

  «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى ئىستىل، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يىلتىز تارتىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى، شۈ لىڭيى يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 1- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى بىر كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشنى، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما قىلىپ، بەنزە ۋە شەخسنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ لىڭيى يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش، مۇزاكىرىنى تەشكىللىدى، دائىمىي كومىتېتتىكى يولداشلار كوللېكتىپ ئۆگىنىش بىلەن شەخسىي ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، دىققەتنى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ ۋە ئانالىز قىلىپ، كەڭ دائىرىدە تەكلىپ- پىكىر ئېلىپ، سەمىمىي سىردىشىش، سۆزلىشىشنى قانات يايدۇردى، شەخسىي سۆز تېزىسىنى ئەستايىدىل يېزىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ 2017- يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا پىكىر ئېلىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنى بىر- بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا تىكلەنگەن ئۆلچەم بايرىقى بويىچە، تەشكىلگە، يولداشلارغا، ئۆزىگە، ئىشقا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى گەپ ئەگىتمەي، بىۋاسىتە قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىرادىسى، ئىشەنچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدى.

  شۈ لىڭيى سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا باش تېما پۇختا ئىگىلەندى، سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇلدى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى، سىياسىي پوزىتسىيەسى، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەسكىن، ئەستايىدىل تەكشۈردى ۋە تەھلىل قىلدى، سىياسىينى، سەگەك بولۇشنى، تىرىشىش يۆنىلىشىنى، قەيسەر ئىرادىسىنى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشنى، ئۇسۇل، تەدبىرلەرنى، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ يېپيېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي جايىدا ياخشىلاپ، تۈزىتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى پۇختا، ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى بىرلەشتۈرۈپ، باغلاپ، تولۇق چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، ھەل قىلىنغان مەسىلىلەرگە، ئۆزگىرىش بولغان ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم- كوتسىز ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مول ئىدىيەۋى ماھىيەتلىك مەزمۇنى، كونكرېت ئۇسۇل، تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەزمۇنى كونكرېت، شەكلى كۆپ خىل، مول مەزمۇنلۇق ئەمەلىيەت ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى يادرولۇق مەزمۇن قىلغان بۇ چوڭ سىياسىيغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىكى ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ كونكرېت، ئەڭ كەڭ دائىرىلىك بىرىكىش نۇقتىسى قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، داۋاملىق چوڭقۇر، پۇختا، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقىي ھالدا تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى «مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» دېگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىنى ئېنىق تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەرنىڭ «باشلامچى غاز» ئېففېكتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە خىيانەت قىلىش، چىرىكلىشىش بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئارىلىشىپ كەتكەن نۇقتىلىق كىشىلەرگە، نۇقتىلىق ئىشلارغا يۈكسەك دىققەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ ئېغىش خاراكتېرلىك، بىخ خاراكتېرلىك تۈرلۈك مەسىلىلەرگە يۈكسەك دىققەت قىلىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يەنىلا نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە يۈكسەك دىققەت قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسى، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە يۈكسەك دىققەت قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھەمدە ئۇلار پەيدا قىلغان خەۋپكە يۈكسەك دىققەت قىلىپ، پارتكومنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ئارقىلىق باش نىشاننى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. بىرىنچى، سىياسىيدا مۇتلەق سادىق بولۇش، يادروغا يېقىندىن ئەگىشىش كېرەك. باشتىن- ئاخىر «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئىككىنچى، ئۆگىنىشتە يۈكسەك ئاڭلىق بولۇش، كاللىنى قوراللاندۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئىزچىل ھالدا ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆگىنىش، مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئۆگىنىش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كونكرېت تەدبىرگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھەر تەرەپلىمە بىلىملەرنى كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىپ، كەسپىي ئىقتىدارنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھازىرلاشقا تېگىشلىك بىلىم، ساپانى ئىگىلەش كېرەك. ئۈچىنچى، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، مۇھىم، زور مەسىلىلەردە يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە، مۇھىم ئىشلاردا ۋاقتىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن يوليورۇق سوراش ۋە دوكلات قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلا كىشىنىڭ گېپى گەپ بولىدىغان ئىشنى قىلماي، ھەم مەركەزلەشتۈرۈش بولۇش، ھەم دېموكراتىيە بولۇش، ھەم ئىنتىزام بولۇش، ھەم ئەركىنلىك بولۇش، ھەم بىرلىككە كەلگەن ئىرادە بولۇش، ھەم شەخسلەرنىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكى بولۇشتەك جانلىق، كۆتۈرەڭگۈ سىياسىي ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، خىزمەتتە باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، دادىل كۈرەش قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈرەش روھىنى يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ كۈرەشكە ئاتلىنىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، ئىستىلدا ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، مەۋھۇم ئىش قىلماسلىق كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. تىرىشچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، نەتىجە- ئۈنۈم قازانمىغىچە قەتئىي بولدى قىلماسلىق كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پۇختا تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، پاكلىق جەھەتتە قاتتىق تەلەپ قويۇش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش كېرەك. ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، تەلەپچانلىقنى كۈچەيتىپ، باشتىن- ئاخىر سىياسىي ئىرادە، ئەخلاق ئىرادىسى، چىرىكلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسىنى ساقلاپ، پاك، تەلەپچان بولۇش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىش، ئائىلىنى پاك باشقۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك؛ باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت»نى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.