تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن داغدۇغىلىق ھالدا دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

  شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى

  لى كېچياڭ سۆز قىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، خەن جېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

  1- ئاينىڭ 8- كۈنى، 2018- يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2018- يىللىق دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خاربىن سانائەت داشۆسىدىكى ئاكادېمىك ليۇ يۇڭتەن(ئوڭدا) بىلەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قۇرۇلۇش داشۆسىنىڭ ئاكادېمىكى چيەن چىخۇ(سولدا)غا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

  1- ئاينىڭ 8- كۈنى، 2018- يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن ئىلگىرى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىقلار مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن فاڭ، ۋۇ جىڭ). جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ھالدا دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىن، پائالىيەتكە قاتناشتى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى. خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن 2018- يىللىق دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خاربىن سانائەت داشۆسىدىكى ئاكادېمىك ليۇ يۇڭتەن ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قۇرۇلۇش داشۆسىنىڭ ئاكادېمىكى چيەن چىخۇغا مېدال، گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى، ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تەبرىكلىدى ھەم ئۇلارنى رەئىس سەھنىسىدە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ ئىككىيلەن بىلەن بىللە، دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتى، دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۆزىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، مۇكاپاتلانغان بارلىق خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشقان ۋە ئۇنى قوللىغان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى تارىخىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈلدى. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا، مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يەنە ئەلا نەتىجىلەر قازىنىلدى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى سىجىل، تېز يېتىلدى. نۆۋەتتە، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دۇنيانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشى چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنىڭ يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىجادچان دۆلەت ۋە دۇنيا بويىچە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادتا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە ئۇنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي تەتقىقاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم قوللاشنى زورايتىپ، ئاساسىي تەتقىقات، قوللىنىشچان تەتقىقات ۋە كەسىپلەشكەن يۈرۈشمە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئوچۇق، ماسلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پەن تەتقىقات سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. پەن- تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسى سىياسىتى ۋە خىراجەت باشقۇرۇش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ تېخنىكا يولى تاللاش، مەبلەغ ئىشلىتىش، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ جانلىق، كۆپ خىل ئىش ھەققى رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن تەتقىقات ئەخلاقى ئۆلچىمىنى قاتتىق ساقلاپ، پەن تەتقىقاتتىكى سەمىمىيەت ۋە ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇختا، ئەمەلىي ئىشلەپ، بىر خىل ئۆلچەمگىلا ئېسىلىۋالماي، ياشلارنى دادىل ئىشلىتىپ، پەن- تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشسىلا، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئادىل، سىغدۇرۇشچان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش، قوغداش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش، ساختىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى كۈچەپ قوزغىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ پەن- تېخنىكا پىلانى ۋە تۈرلىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش- كېلىشى، ئىلىم ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ قولاي شارائىت يارىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى تېخىمۇ كەڭ مۇجەسسەملەش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى داغدۇغىلىق مۇكاپاتلىشى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇكاپاتلانغانلارنى ئۈلگە قىلىپ، دۇنيا بويىچە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش كۈرەش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ساھەلىرىدە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ 2018- يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى.

  ليۇ يۇڭتەن، چيەن چىخۇ بارلىق مۇكاپاتلانغانلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  مۇكاپاتلاش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، ھەم كۆپچىلىك بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، شۈ چىلياڭ، چېن شى، خۇاڭ كۈنمىڭ، ئەركىن ئىمىرباقى، شياۋ جيې، خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، دۆلەت پەن - تېخنىكا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، 2018- يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەكىللىرى ھەم ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 3300 ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.

  2018- يىللىق دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى جەمئىي 278 تۈر ۋە يەتتە پەن - تېخنىكا مۇتەخەسسىسىنى سايلاپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئادەم دۆلەتنىڭ ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 38 تۈر دۆلەتنىڭ تەبىئىي پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۈر 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 37 تۈر 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 67 تۈر دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت تۈر 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 63 تۈر 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 173 تۈر دۆلەت پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى تۈر ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 23 تۈر 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 148 تۈر 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى بەش مۇتەخەسسىسكە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتى بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.