تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگوغا بەخت تىلەيمىز! دۇنياغا بەخت تىلەيمىز!

  —— رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن

  دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ئاندىن ياخشى بولىدۇ؛ جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ بىر ئاددىي ئەمما چوڭقۇر قائىدە.

  «مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىشەنچى ھەم ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سەمىمىيىتى ۋە ياخشى نىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ» «جۇڭگوغا بەخت تىلەيمەن! دۇنياغا بەخت تىلەيمەن!» رەئىس شى جىنپىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە تەنتەنىلىك ۋەدىسى ۋە سەمىمىي تىلىكى ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىزچىل ئۆزگەرمەس قەتئىي مەيدانىنى ئىپادىلىدى، دۇنيا خەلقىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى كۆزلەش ئورتاق قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى، بىر چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

  تارىخقا نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. 1919-يىلى، «تاشقى خەۋپ، ئىچكى مالىمانچىلىقنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن» ئەھۋالدا، «چېنباۋ» گېزىتى «دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، تىرىشىپ ئۆزىنى يېڭىلىغاندىلا، قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش پۇرسىتىنى بۈگۈندىن باشلانمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ» دېگەن يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزنى ئېلان قىلغانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمىزدە. نەچچە ئون يىل ئىلگىرى، ئىقتىسادنىڭ يىمىرىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك، جۇڭگونىڭ «يەر شارى تەۋەلىكى»دىن قوغلىنىش ئەندىشىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمىزدە. 100 يىل نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈردۇق، 100 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق. بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ بۇ 2-قېتىملىق ئىنقىلابىغا گۇۋاھ بولدۇق، ئۇ جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، يەنە دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى؛ بىز جۇڭگونىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن پارلاق كەلگۈسىنى نامايان قىلغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇق؛ بىز دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈنسېرى يېقىنلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق ئېتىراپ قىلغان دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارى تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسىغا ئايلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇق. «جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا موھتاج»، بۇ دائىملىق تونۇشقا، شۇنداقلا ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى.

  يەر شارىغا نەزەر سالساق، بىز 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان زور ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلمەكتىمىز. 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقىنىغا 100 يىلدىن ئاشتى، بىراق نۇرغۇن جاينىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى يەنىلا تىكەنلەر قاپلىدى؛ ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، بىراق يەر شارىۋىلىشىشقا قارشى ئېقىممۇ جىمجىت باش كۆتۈرمەكتە. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتى ئالدىدا، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى چوڭقۇر قايتا يارىتىلدى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى نەگە بارىدۇ؟ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پۈتكۈل تەرەققىيات مۇھىتى نۇرغۇن خەۋپ-خەتەر ۋە مۇقىمسىزلىققا دۇچ كەلگەندە، بىز قانداق ھەرىكەت قوللانساق بولىدۇ؟ «تايىنىشقا تېگىشلىكى ۋەزىيەتتۇر، چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىكى پۇرسەتتۇر». ئۆزگىرىش داۋامىدا خەۋپ- خەتەر ۋە پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ، بىزدىن خەۋپ-خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا، خەۋپ-خەتەرنى ئامانلىققا ئۆزگەرتىشكە ماھىر بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى توغرا چۈشىنىپ، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك؛ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن ۋەزىيىتىدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك. تۇمان نەزەر-دائىرىمىزنى توسۇۋالمىسۇن، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، دۇنيانىڭ چوڭ يۈزلىنىشىنى ئېنىق تونۇغاندا، جۇڭگو نى-نى ئىشلارنى قىلالايدۇ.

  كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگونىڭ ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت ھەم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو بىر چوڭ دۆلەت، چوڭنىڭ چوڭغا خاس بۇرچى، چوڭنىڭ چوڭغا خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. ئۇدا كۆپ يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %30 تىن ئاشتى، جۇڭگونىڭ قوشقان تۆھپىسى ھەممىگە ئايان؛ «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقالمايدۇ، بەلكى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ»، جۇڭگو ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ؛ «كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو مەڭگۈ مۇشۇ جايدا»، جۇڭگونىڭ ئەسلىي مەقسىتى باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا باي، ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى باشتىن-ئاخىر خالايدۇ. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمىز. جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ پورت ياخشى نىيەت بىلەن يېقىنلىشىدىغانلارنى مەڭگۈ قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا ھەققانىيەت يەلكىنىنىمۇ ئوڭۇشلۇق چىقىرىدۇ.

  «توپا يىغىلسا تاغ بولۇر، سۇ يىغىلسا دېڭىز بولۇر». جۇڭگونىڭ كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىپ، كۈندىن-كۈنگە قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشمىز، دۇنيانىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمىز. يېڭى بىر يىلدا، بىز دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچىنى قوشىمىز. جۇڭگوغا بەخت تىلەيمىز! دۇنياغا بەخت تىلەيمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.