رۇسىيەنىڭ ماگنىتوگورسكى شەھىرىدىكى ئائىلىلىكلەر بىناسىدا كۆمۈر گازى پارتلاپ زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن
شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
لى كېچياڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 2- كۈنى رۇسىيەنىڭ ماگنىتوگورسكى شەھىرىدىكى ئائىلىلىكلەر بىناسىدا كۆمۈر گازى پارتلاپ زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ ماگنىتوگورسكى شەھىرىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىدا كۆمۈر گازى پارتلاپ، زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى ۋە مال- مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈپ كەتتىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
مۇشۇ پەيتتە، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى يەنىلا جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بۇ تاسادىپىي ۋەقە چوقۇم مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.