تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 29-كۈنى كېلىشكىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ترامپ شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىگە يېڭى يىللىق سالىمى ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، پۈتۈن دۇنيا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتنى قەدىرلەيمەن. ئىككى دۆلەت خىزمەت ئۆمەكلىرىنىڭ مېنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئارگېنتىنادا كۆرۈشكەندە ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشتە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كېلىۋاتىدۇ، بىز ئىككى دۆلەت خەلقىگە ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھەممىسىگە پايدىلىق نەتىجە ھاسىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ ترامپ ۋە ئامېرىكا خەلقىگە يېڭى يىللىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەن ۋە زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى قۇۋۋەتلەيمىز. نۆۋەتتە، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇھىم باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئارگېنتىنادا مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆرۈشۈپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بۇ مەزگىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خىزمەت ئۆمەكلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆمەكلىرىنىڭ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەم دۇنياغا پايدىلىق كېلىشىمنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېلەر يىلى جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ۋە ئىجابىي خاراكتېرلىك جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەرىپلەيدۇ، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ 40 يىللىق تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىقتىساد-سودا، ئىككى تەرەپ ئارمىيەسى، قانۇن ئىجرا قىلىش، زەھەر چەكلەش، يەرلىك، ئادىمىيەت قاتارلىقلاردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىرلىشىش بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى ساقلاپ، بىر-بىرىنىڭ مۇھىم مەنپەئىتىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىق، مۇقىملىقنى ئاساسىي رىتىم قىلغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدىغان قىلىشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشى ھەم ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.