تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىلەن پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا پاناما قانىلىنىڭ يېڭى لوكىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پاناما شەھىرى، 12- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جېڭ كەيجۈن). شۇ يەر ۋاقتى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاناما شەھىرىدە پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا بىلەن بىللە پاناما قانىلىنىڭ يېڭى لوكىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن يېڭى لوكقا يېتىپ كەلگەندە، ۋارېلا زۇڭتۇڭ ۋە رەپىقىسى كاستىللو ئاپتوموبىل توختاش ئورنىدا كۈتۈۋالدى.

  يىراق بولمىغان جايدا، جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورت گۇرۇھىنىڭ لىققىدە كونتېينېر بېسىلغان «ئەتىرگۈل» ناملىق پاراخوتى بىرىنچى لوكتا توختاپ، چۈشۈرگۈدىن ئۆتۈشنى ساقلاۋاتاتتى. بۇ پاراخوت بۇ يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنى جۇڭگو چىڭداۋدىن يولغا چىقىپ، تىنچ ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، پاناما قانىلى ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈپ، ئامېرىكىدىكى ئۈچ پورتقا باردى، ھازىر پاناما قانىلى ئارقىلىق قايتىۋاتىدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورت گۇرۇھى مەسئۇلىنىڭ «ئەتىرگۈل» ناملىق پاراخوتنىڭ ئەھۋالى ۋە جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورت گۇرۇھىنىڭ پانامادىكى تىرانسپورت تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى «ئەتىرگۈل» ناملىق پاراخوتتىكى خادىملارغا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. پاراخوت خادىملىرى جۇڭگو، پاناما ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىدىن ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ «ئەتىرگۈل» ناملىق پاراخوتنىڭ كاپىتانى بىلەن سۆزلىشىپ، پاراخوتتىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى سورىدى، پۈتۈن پاراخوت خادىملىرىدىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پاناما قانىلىدا «ئەتىرگۈل» ناملىق پاراخوتنىڭ كاپىتانى ۋە پاراخوت خادىملىرى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. سىلەرنىڭ پاناما قانىلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەشيا ئوبوروت تىرانسپورتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سۇ تىرانسپورت ئىشلىرى ۋە يەر شارى سودىسىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يىراققا يۈرىدىغان پاراخوت خادىملىرىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن، كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، خۇشال- خۇرام يولغا چىقىپ، ساق- سالامەت ئۆيىگە قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  «ئەتىرگۈل» ناملىق پاراخوتنىڭ كاپىتانى ۋە پاراخوت خادىملىرى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ھال سورىغانلىقى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندى. ئۇلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بارلىق پاراخوت خادىملىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جۇڭگونىڭ تاشقى ئىقتىساد- سودا ئالاقىسىگە كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئارقىدىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىرلىكتە لوك كونترول مۇنارىغا بېرىپ، پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش، تىرانسپورت تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. كونترول ئۆيىنىڭ سىرتىدىكى سۇپىدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېڭى لوك ۋە قانالنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىگە ئېگىزدىن نەزەر سالدى. ۋارېلا شى جىنپىڭغا قانالنىڭ تارىخى، ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كونترول ئۆيىگە كەلدى، ۋارېلا شى جىنپىڭنى كونترول كومپيۇتېرىنىڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، لوكنى قوزغىتىشقا تەكلىپ قىلدى. ئارقىدىن لوك ئىككى تەرەپكە ئېچىلدى، «ئەتىرگۈل» ناملىق پاراخوت ئاستا- ئاستا لوكتىن ئۆتتى. كونترول ئۆيىدە كۈچلۈك ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  پاناما قانىلى تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق سۇ يولى، 1914- يىلى رەسمىي ئېچىلغان. 1999- يىلى پاناما تىرانسپورت تىجارىتى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغان. 2016- يىلى قانالنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى تاماملانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.