تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ دەريا، كۆللىرىنى تېخىمۇ پاكىز، سۈزۈك قىلىش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ۋادىلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، يېرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۆھرەت زاكىر، مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەريا چارلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سۇ باشقۇرۇش، سۇنى تىزگىنلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر ۋە يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە، دۆلىتىمىزنىڭ سۇ تىزگىنلەش تۈزۈلمىسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈزۈمىدىكى مۇھىم، زور ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش، شۇنداقلا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى، زۆرۈرلۈكى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ يېشىل تەرەققىياتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇق تەڭپۇڭ بولۇش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ تىزگىنلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي سىستېمىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باشقۇرۇش، قوغداش بىلەن تولۇق قاپلاش، نىشان- ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، 2020 ـ يىلى «بىر يوق بولۇش، ئۈچنى كاپالەتلەندۈرۈش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مەسىلە يۆنىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دەريا چارلاش، كۆل چارلاش داۋامىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەھلىل قىلىپ، ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، قاراتمىلىق ھالدا ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، خىزمەت ھېساباتى تۇرغۇزۇپ، بېجىرىش ۋاقىت چېكى، سۈپەت تەلىپى، باھالاش كۆرسەتكۈچىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقلىرى ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دەريا (كۆل)لەرنى باشقۇرۇش، قوغداشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، خىزمەتنى تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئەسقاتىدىغان مېخانىزم شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەبىئەتنى ھۆرمەتلەش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قوغداش بىلەن ئېچىش، ئېكولوگىيە بىلەن تەرەققىيات، ۋادى بىلەن رايون، ھازىر بىلەن يىراق كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دەريا، كۆللەرنى ئارام ئالدۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ساغلام ھاياتىي كۈچىنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، دەريا چارلاشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى بويىچە نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش، باھالاشنى ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسى ۋە ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى باھالاش مېخانىزمىغا كىرگۈزۈپ، مەخسۇس تۈر بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىش ـ تەكشۈرۈشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ئارقىلىق دەريا (كۆل) باشلىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دەريا باشلىقلىرى، كۆل باشلىقلىرى، مۇئاۋىن دەريا باشلىقلىرى ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.