تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ چەت ئەل باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مورېسبى پورتى، 11- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر لى جۇڭفا). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 17- كۈنى مورېسبى پورتىدا چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چىلى يېڭى جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى دۆلىتى، جۇڭگو- چىلى مۇناسىۋىتى ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان جۇڭگو- لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز جۇڭگو- چىلى ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. مەن سىزنىڭ ئىككىنچى قېتىم چىلىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن، ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، جۇڭگو- چىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوقۇم يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بىر پۈتۈن ھەمكارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقۇسى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - چىلى «بىر بەلباغ، بىر يول» ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان، كېيىنكى قەدەمدە نۇقتىلىق ساھە ۋە تۈرلەرنى ئېنىق بېكىتىپ، دەسلەپكى مەزگىللىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو - چىلى ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سېلىنما ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تۈرلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. 2020- يىلى جۇڭگو بىلەن چىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئىككى تەرەپ بىرقاتار تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ چىلى تەرەپ بىلەن پەن- تېخنىكا، جەنۇبىي قۇتۇپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ چىلىنىڭ كېلەر يىلى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرى بىرەسمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ.

  پىنېرا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چىلى - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم ھەم كۈچلۈك. جۇڭگو چىلىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى ۋە ئاساسلىق سېلىنما مەنبەسى دۆلىتى. چىلى - جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئاچتى. چىلى جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سودا سېلىنمىسى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پەن- تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئەركىن سودىنى ئورتاق قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. چىلى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، كېلەر يىلقى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرى بىرەسمىي يىغىنىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مورېسبى پورتى، 11- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر لى جيەنمىن). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 17- كۈنى مورېسبى پورتىدا كورېيە زۇڭتۇڭى ۋېن زەييىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇشلار ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەمدە ياخشىلىنىۋاتىدۇ ۋە راۋاجلىنىۋاتىدۇ. بىز جۇڭگو- كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايوننىڭ ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىن يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشەنچ ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەپ، سەزگۈر مەسىلىلەرنى داۋاملىق مۇۋاپىق ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىقنى ئەلالاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، جۇڭگو - ياپونىيە - كورېيە قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  ۋېن زەييىن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ۋېن زەييىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر كورېيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېز ئەسلىگە كېلىش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق روشەن قايتا كۈچەيدى. كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. يېرىم ئارال مەسىلىسى ئومۇمىي جەھەتتىن سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىدىغان توغرا يولغا قايتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى بولدى. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كورېيە تەرەپ يېرىم ئارالنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ يارىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. جۇڭگو تەرەپ جەنۇب - شىمال ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشىنى قوللايدۇ. ھازىر، يېرىم ئارال ۋەزىيىتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن كورېيە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە يېرىم ئارال تىنچلىق مېخانىزمى ئورنىتىش مۇساپىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئاچقۇچلۇقى ئالاقىدار تەرەپلەر بىر يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشى، جانلىقلىقىنى نامايان قىلىشى، سۆھبەتلىشەلىشى، سۆھبەتتىن نەتىجە قازىنالىشى كېرەك.

  ۋېن زەييىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كورېيە بىلەن جۇڭگو شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى جەھەتتە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ۋە يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا جارى قىلدۇرغان ئىنتايىن مۇھىم رولىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ھەم كۆپ رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن تېخىمۇ زىچ ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مورېسبى پورتى، 11- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر سۈن يى). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 17- كۈنى مورېسبى پورتىدا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ، نۇرغۇن ساھەدە مەيدانى ئوخشاش. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا بىرقاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت ئالدىنقى ئايدا «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە «يەرشارى دېڭىز- ئوكيان تايىنىش نۇقتىسى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى، ئالاقىدار ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ زۇڭتۇڭ ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى» تەشەببۇسىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھىندونېزىيە تەرەپ بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى بالدۇرراق باشلاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ پۇل مۇئامىلە، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بۇ يىلقى باشلىقلار يىغىنىدا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  جوكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو تەرەپنىڭ يېقىندا ھىندونېزىيەدىكى يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ھىندونېزىيە جۇڭگو بىلەن بىرقاتار مۇھىم ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال، ئىككى تەرەپنىڭ كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھىندونېزىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.