تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى

2018- يىلى 11- ئاي

مۇندەرىجە

  كىرىش سۆز

  بىرىنچى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى

  مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى

  شىنجاڭ رايونىدا ئەزەلدىن كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن

  مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇزاق مەزگىل ئالماشقان، يۇغۇرۇلغان

  ئىككىنچى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقى كەڭ قوللىنىلدى

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇن بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلدى

  مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقى ئىلمىي قوغدالدى

  مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىلدى

  ئۈچىنچى، دىنىي مەدەنىيەت ھۆرمەتلەندى ۋە قوغدالدى

  كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى

  دىنىي قەدىمكى ئەسەرلەر، ماتېرىياللار قانۇن بويىچە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

      دىنىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى

  دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلدى

  تۆتىنچى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

  مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش نەتىجىسى مول بولدى

  ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش نەتىجىلىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ دىققىتىنى تارتتى

  قەدىمكى كىتابلارنى قوغداش سالمىقى ئاشۇرۇلدى

  غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى

  مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى ھۆرمەتلەندى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى

  بەشىنچى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى

  ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسى كۈنسېرى ئۆستى

  ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئاخبارات- نەشرىيات ئىشلىرى داۋاملىق گۈللەندى

  مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك كەسپىنىڭ ئەمەلىي كۈچى تەدرىجىي ئاشتى

  تور مەدەنىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

  ئالتىنچى، تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۈنسېرى جانلاندى

  كۆپ خىل شەكىلدە خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىغا قاتناشتى

  شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت سالاپىتى سىرتقا پائال نامايان قىلىندى

  خاتىمە

كىرىش سۆز

  جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تەرەققىيات تارىخىدا، جۇڭخۇا ئېلىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇزاق تارىخنى، شانلىق مەدەنىيەتنى بىرلىكتە ياراتتى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت كۆچۈپ، ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ كەلگەن جاي، شۇنداقلا كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشقان، يۇغۇرۇلغان سەھنە. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىك مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ ھەم مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ھەم جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش داۋامىدا مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

بىرىنچى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى

  شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون. مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇزاق مەزگىل ئالمىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىك مۇنبەت تۇپرىقىدا گۈللەنگەن بولۇپ، ئۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى.

  مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. قەدىمدىن تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇھىتنىڭ كۆپ خىللىقى تۈپەيلىدىن مول، كۆپ مەنبەلىك بولۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا زېمىنىدا ئالمىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى، ئۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشىگە تۆھپە قوشتى.

  چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلدىلا، شىنجاڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن زىچ ئالاقىدە بولغان، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىن ئىسپاتلىنىشىچە، شىنجاڭدىن تېپىلغان رەڭلىك ساپال بۇيۇملار خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن رايونىدىكى ياڭشاۋ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، خېنەن ئەنياڭدىكى شاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ فۇخاۋ قەبرىسىگە شىنجاڭنىڭ خوتەن قاشتېشىدىن ياسالغان نۇرغۇن بۇيۇم ھەمدەپنە قىلىنغان. غەربىي خەن سۇلالىسى شىنجاڭ رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، خەنزۇ تىلى غەربىي يۇرتنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىللارنىڭ بىرى بولغان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، قائىدە- مۇراسىم تۈزۈمى، خەنزۇچە كىتابلىرى، مۇزىكا- ئۇسسۇللىرى غەربىي يۇرتقا كەڭ تارقالغان. غەربىي يۇرتنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە مۇزىكىلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مۇزىكىسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئون ئىككى مۇقام سەنئىتى، قازاقلارنىڭ ئايتىس سەنئىتى، قىرغىزلارنىڭ تارىخىي داستانى «ماناس»، ئۇيرات موڭغۇللىرىنىڭ تارىخىي داستانى «جاڭغىر» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەسەرلىرى بار.

  شىنجاڭ رايونىدا ئەزەلدىن كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، جۇڭگونىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىش جەھەتتە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىش، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا سىڭىشىش، قوبۇل قىلىشتەك ئاساسىي ئالاھىدىلىكنى بەلگىلىگەن. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي جۇغراپىيەلىك مۇھىتى بوستانلىق تېرىقچىلىقى بىلەن يايلاق كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ بىر- بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولغان. ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان قوۋملارنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا تولۇقلىشى، كۆچۈشى، قوشۇلۇشى كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى ياراتقان.

  شىنجاڭ رايونىدا ئارقا - ئارقىدىن تەخمىنەن 20 خىل تىل- يېزىق بايقالدى. بۈگۈنگە قەدەر شىنجاڭدا خەنزۇ - زاڭزۇ تىللىرى سىستېمىسى، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسىدىكى تىللار ھېلىھەم مەۋجۇت. تۇرمۇشتا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تەڭ قوللىنىش شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش جەريانىدا ئوخشاش بولمىغان تىللارنى ئۆزئارا قوللىنىشى، ئىشلىتىشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلاندى. شىنجاڭدىكى قىزىل مىڭئۆي، بېزەكلىك مىڭئۆي، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلارغا خەنزۇ، قەدىمكى ئۇيغۇر، تۈبۈت، شۇنىڭدەك شىنجاڭدىكى قەدىمىي ئاھالىلەرنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىلى يۇغۇرۇلغان، قەدىمكى جۇڭگو مەدەنىيەت- سەنئىتىنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ.

  تارىختا شىنجاڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازا ۋە ۋاسىتە بولغان. يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى شەرق، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. يىپەك يولى گۈللەنگەن مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ قەغەز ياساش تېخنىكىسى، يىپەك توقۇمىچىلىقى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلىرى شىنجاڭ ئارقىلىق غەربكە تارقىلىپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇددا دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى يىپەك يولىنى بويلاپ شىنجاڭغا تارقىلىپ، شۇ چاغدىكى ئىپتىدائىي دىنلار بىلەن تەڭ يەرلىكتە تارقالغان. ئۇزاق تارىخىي ئۆزگىرىش جەريانىدا، شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ئەھۋال ئەزەلدىن ئۆزگەرمىگەن. شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىدە باشتىن- ئاخىر كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئالمىشىشتەك مەنزىرە نامايان بولغان.

  مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇزاق مەزگىل ئالماشقان، يۇغۇرۇلغان. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مىللەتلەرنىڭ روھىنى مۇجەسسەملەيدىغان مەنىۋى تۈگۈن. ئۇزاق مەزگىللىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭ رايونىنىڭ پىلە باقمىچىلىق تېخنىكىسى ۋە يىپەك توقۇمىچىلىقى كاتتا نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن؛ ئەڭ دەسلەپتە شىمالىي چۆللۈك مەزگىلىدە شەكىللەنگەن قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، شۇنداقلا بۇددا دىنى، مانى دىنى قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھەرقايسى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا مىللەتلەر ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، بىر تۈركۈم سىياسىيون، ئەدىب، سەنئەتكار، تارىخشۇناس، ئاگرونوم، تەرجىمانلار بارلىققا كېلىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قوينىدا تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى يېڭى گۈللىنىش، راۋاجلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. «بىزنىڭ ۋەتىنىمىز گۈلباغ»، «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» قاتارلىق نادىر ناخشىلار ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقالدى؛ «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، «قۇربان تاغىنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى» قاتارلىق مۇنەۋۋەر كىنولار پۈتۈن مەملىكەتتە تونۇلۇپ، ھەر مىللەت ئورتاق ياراتقان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مەنىۋى بايلىققا ئايلاندى.

  شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەت ئەزالىرى بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، تىل، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، مۇزىكا، ئۇسسۇل، رەسساملىق، بىناكارلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت- سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتتى، ئۆزئارا قوبۇل قىلدى، ئۆزئارا يۇغۇرۇلدى، بىر- بىرىدىن ئايرىلالماسلىق باشتىن- ئاخىر مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ كەلدى.

ئىككىنچى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقى كەڭ قوللىنىلدى

  تىل - يېزىق مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى ۋە روشەن بەلگىسى. شىنجاڭ كۆپ تىللىق، كۆپ يېزىقلىق رايون، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تارىخىي تەجرىبە. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ قوللىنىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللەت تىل- يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئىلھام بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ تىل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، قەلب رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇن بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلدى. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. 1982- يىلى «دۆلەت مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ» دېگەن مەزمۇن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»غا كىرگۈزۈلدى. 2001- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىق قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇچە خەتنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدىكى قانۇنىي ئورنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2015- يىلى تۈزىتىلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى»دا «دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساس مائارىپ ئوقۇتۇشىدىكى تىل- يېزىق بولىدۇ»، «مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئاساس قىلىنغان مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ ياكى شۇ يەردىكى مىللەتلەر ئورتاق قوللىنىۋاتقان تىل- يېزىقنى قوللىنىپ قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويىدۇ» دەپ بەلگىلەندى. 2015- يىلى تۈزىتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل- يېزىق خىزمىتى نىزامى»دا «دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەندى. ھەرقايسى مىللەت ئەزالىرى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھەم ئالاقىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەندى ۋە قوللاندى.

  دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا ئوقۇش - ئوقۇتۇش خىزمىتى كۈچەيتىلدى. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن باشلاپ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى دەرسى تەسىس قىلدى. 1984- يىلى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىدە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆز تىلىنىمۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ بىلىش نىشانىغا يېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە شىنجاڭ يەسلى ۋە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئوقۇتۇشىغا شۇ مىللەتنىڭ تىل - يېزىقى قوشۇپ ئۆتۈلىدىغان قوش تىل مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ، 2020- يىلىغا بارغاندا، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىشى ۋە قوللىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى كۆپ خىل شەكىلدە قانات يايدۇرۇلدى. 2013- يىلى «دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە تەربىيەلەش تۈرى» يولغا قويۇلۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى مەركەزلەشكەن ناھىيە (شەھەر)لەردە كەسىپ جەھەتتىن تەربىيەلەش ياكى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەندى. 2017- يىلى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش جېڭى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى.

  مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقى ئىلمىي قوغدالدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى»دا، مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش، راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكى بار، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئاساسلىقى ئون خىل تىل ۋە يېزىقنى قوللىنىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقى ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى، ئىجتىمائىي ئاممىۋى ئىشلار قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ئېچىلغان مۇھىم يىغىنلاردا ماتېرىياللار ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدا تەمىنلىنىۋاتىدۇ، ئەگەشمە تەرجىمە يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى شۇ دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيەلىك ئورگانلار ۋەزىپە ئادا قىلغاندا، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى، رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللىنىۋاتىدۇ. ھەرقايسى مىللەت ئەزالىرى شۇ مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىدىن پايدىلىنىپ سايلىنىش ياكى ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دەرس تەسىس قىلغاندا ۋە ھەر خىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەر يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا، شىنجاڭدا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە بەش خىل يېزىقتىكى ئىمتىھان سوئالى ئىشلىتىلىدۇ.

  جۇڭگونىڭ مول تىل بايلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 2015- يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، خەنزۇچە يەرلىك شېۋىلەر، ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە ئېغىز تىل مەدەنىيىتىگە دائىر ئەمەلىي تىل ماتېرىيالىنى توپلىدى ۋە خاتىرىلىدى. بۇ قۇرۇلۇش نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تىل بايلىقىنى قوغداش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت تىلى بويىچە 30 نەچچە تەكشۈرۈش نۇقتىسى، خەنزۇچە شېۋىلەر بويىچە ئون تەكشۈرۈش نۇقتىسى، يوقىلىش ئالدىدىكى تىل بويىچە ئالتە تەكشۈرۈش نۇقتىسى ۋە تىل مەدەنىيىتى بويىچە ئىككى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا دالا تەكشۈرۈشى قانات يايدۇرۇلدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا پىلانلانغان تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى %80 تىن ئارتۇق ئورۇندالدى ھەمدە بەلگە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم نەتىجىلەر شەكىللەندى.

  كۆپ تىللىق، كۆپ يېزىقلىق ئاخبارات - نەشرىيات ۋە رادىيو - تېلېۋىزىيە شىنجاڭنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى. شىنجاڭدا گېزىت، كىتاب، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە، شىبەچە ئالتە خىل تىل - يېزىقتا نەشر قىلىنىدۇ. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە تۆت خىل تىلدا تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تارقىتىدۇ. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە بەش خىل تىلدا رادىيو پىروگراممىلىرىنى ئاڭلىتىدۇ. «شىنجاڭ گېزىتى» خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە تۆت خىل يېزىقتا نەشر قىلىنىدۇ.

  ھەرقايسى مىللەت ئەزالىرىنى ئۇچۇرلىشىش دەۋرىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىق كودى، ھەرپ - بەلگە توپلىمى، كۇنۇپكا تاختىسى، ھەرپ شەكلىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى بېكىتتى، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى كۆپ خىل بەت ياساش سىستېمىسى، ئەقلىي تاۋۇشلۇق تەرجىمە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىكى تور - بېكەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنى جەمئىيەتتە قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. شىنجاڭ مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك مىللەتلەر تىل - يېزىق تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى ئىلمىي تەتقىق قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل - يېزىق ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل - يېزىق ئۆگىنىشىگە ئىلھام بەردى ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەردىن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلدى، ئاز سانلىق مىللەت رايونىدىكى خەنزۇ ئاھالىلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشىگىمۇ ئىلھام بەردى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلار، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدىكى كەسىپكارلارنىڭ قوش تىل ئۆگىنىشىگە ئەھمىيەت بەردى ھەمدە ئۇلارغا ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بەردى. شىنجاڭ خەنزۇ كادىرلار ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئۆگىنىدىغان مەخسۇس كۇرس ئاچتى، 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن بۇيان، دۆلەت شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت تىل - ئەدەبىياتى(ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلىنى يۆنىلىش قىلغان) كەسپىنى تەسىس قىلدى، بۇ كەسىپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىق تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا مىللەتلەر ئۆزئارا تىل - يېزىق ئۆگىنىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندى، قوش تىلنى، كۆپ تىلنى بىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۈچىنچى، دىنىي مەدەنىيەت ھۆرمەتلەندى ۋە قوغدالدى

  شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون، دىنىي مەدەنىيەتنىڭ موللۇقى ۋە كۆپ خىللىقى جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، دىنىي مەدەنىيەتنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە قوغدايدۇ.

  كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تارقالغان مۇھىم رايون، دىنىي مەدەنىيەت جۇغلانغان جاي. شىنجاڭدا ئەڭ دەسلەپتە ئىپتىدائىي دىن، شامان دىنى تارقالغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردىن باشلاپ، زوروئاستېر دىنى، بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلارنىڭ سىرتتىن ئارقا- ئارقىدىن تارقىلىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت تەدرىجىي شەكىللەندى. كېيىن تويىن دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىقلار سىرتتىن ئارقا- ئارقىدىن تارقىلىپ كىردى. كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى ۋە ئۆزگىرىپ تۇردى، بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى. كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت ئۇزاق مۇددەت يۇغۇرۇلۇپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، بىر- بىرىنى ئۆرنەك قىلىپ تۇردى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىش جەريانىدا تەڭشەلدى، ئۆزگەردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، تويىن دىنى قاتارلىقلار بار. شامان دىنى بىلەن زوروئاستېر دىنىنىڭ ئامىللىرى ھېلىغىچە ساقلانماقتا ھەمدە تۇرمۇش ئادىتى شەكلىدە ئىپادىلەنمەكتە. بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر، قەشقەر، قومۇل، ئىلى قاتارلىق جايلاردا ھېلىھەم بۇت تەكچىلىرى، نېلۇپەر گۈل نۇسخىلىرى، نېلۇپەر بۇت سۇپىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    دىنىي قەدىمكى ئەسەرلەر، ماتېرىياللار قانۇن بويىچە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. دۆلەت ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى قاتارلىق دىنلارغا دائىر قەدىمكى ئەسەرلەرنى، ماتېرىياللارنى كۆپ خىل تىل - يېزىقتا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلىپ تارقىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇردى، شىنجاڭ «قۇرئان كەرىم»، «سەھىل بۇخارى جەۋھەرلىرى» قاتارلىق دىنىي كىلاسسىك كىتابلارنى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە قاتارلىق كۆپ خىل يېزىقتا تەرجىمە قىلدى ۋە نەشر قىلىپ تارقاتتى، يۈرۈشلۈك «ۋەز - تەبلىغ توپلىمى»نى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى خىل يېزىقتا تەھرىرلەپ تارقاتتى. خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىل - يېزىقتا شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تور بېكىتى ئاچتى. «ئالتۇن يارۇق 2- توم»، «مايتېرىسېمىت» قاتارلىق دىنىي قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەتلەپ نەشر قىلدى. دىنىي كىتاب - ژۇرناللار تىجارىتى قىلىدىغان مەخسۇس سېتىش نۇقتىلىرىدا «قۇرئان كەرىم»، «ئىنجىل»، «ئالتۇن يارۇق» قاتارلىق ھەرخىل دىنىي ئەسەرلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

  دىنىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى، موڭغۇلكۈرە شېڭيوۋ بۇتخانىسى، قىزىل مىڭئۆيى قاتارلىق 109 ئورۇندىكى دىنىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 46 سى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 63 ى بار. مەركىزىي ھۆكۈمەت دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن قىزىل مىڭئۆي، بېزەكلىك مىڭئۆي، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى قاتارلىقلارنى مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ رېمونت قىلدى، يېڭىلىدى. شىنجاڭ تۇرپان سۇلايمان مۇنارى، موڭغۇلكۈرە شېڭيوۋ بۇتخانىسى، ئۈرۈمچى خۇڭمياۋزى داۋگۇەنى قاتارلىق 28 ئورۇندىكى دىنىي ئىمارەت (سورۇن)نى پۇل چىقىرىپ رېمونت قىلدى. دىنغا مۇناسىۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمۇ قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى.

  دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلدى. دىننىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشى ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى قانۇنىيەت. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىغدۇرۇش، قوبۇل قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئوخشاشماسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىش ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە بۇددا دىنى قاتارلىق سىرتتىن كەلگەن دىنلار جۇڭگوچىلىشىش، ئۆزلىشىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتتى. بۇددا دىنى شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇلۇپ شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئىسلام دىنى شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، جۇڭگوچىلىشىش يۆنىلىشىنى بويلاپ تەرەققىي قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت شۇ يەردىكى ئەنئەنىۋى ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت بىلەن يۇغۇرۇلۇش نەتىجىسىدە تەدرىجىي جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى ھەمدە يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي خاسلىقنى نامايان قىلدى. كاتولىك دىنىنىڭ مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى، ئۆز ئالدىغا دىنىي جەمئىيەتلەرنى قۇرۇشى، خىرىستىيان دىنىنىڭ ئۆزى تارقىتىشى، ئۆزى باشقۇرۇشى، ئۆزىنى بېقىشى قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. شىنجاڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەردىكى جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، دەۋر تەرەققىياتى، ساغلام مەدەنىيلىككە پايدىلىق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر قېزىپ، دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەرنى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا، ئالغا بېسىشىغا، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن شەرھلەپ، دىنلارنى جۇڭگوچىلىشىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلىدى.

تۆتىنچى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

  شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى مول. مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملار شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مول، رەڭدار مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى مۇھىم قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش نەتىجىسى مول بولدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئاپپاراتىدىن 189 ى بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تورى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى. مەملىكەت بويىچە يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈچ قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلدى، يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلدى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئاساسى يەنىمۇ ئېنىقلاندى. 2017- يىلىغا قەدەر، شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نۇقتىسى 9542 گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى ئورنىدىن ئالتىسى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 113 ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 558 ى بار. ھازىر مەدەنىيەت - مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سىستېمىسىدا 93 مۇزېي (ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك مۇزېيدىن ئىبارەت دۆلەت 1- دەرىجىلىك ئىككى مۇزېينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بار بولۇپ، ئۇلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 450 مىڭ پارچە (يۈرۈش)غا يەتتى.

  شىنجاڭدىكى تارىخىي مەدەنىيەت مەشھۇر شەھىرى، مەشھۇر بازىرى، مەشھۇر كەنت، كوچا - مەھەللىنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت مەشھۇر شەھىرىدىن بەشى، تارىخىي مەدەنىيەت مەشھۇر بازىرىدىن ئۈچى، تارىخىي مەدەنىيەت مەشھۇر كەنتىدىن تۆتى، تارىخىي مەدەنىيەت مەشھۇر كوچا - مەھەللىسىدىن ئىككىسى، جۇڭگو ئەنئەنىۋى كەنتىدىن 17 سى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنتىدىن 22 سى بېكىتىلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قوچۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسى، بېشبالىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى، كۈرە يېڭى - كونا قەدىمىي شەھەر خارابىسى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلدى، يېڭىلىدى، قوغدىدى، 3000 دىن ئارتۇق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قۇتقۇزۇۋېلىش خاراكتېرلىك قوغدىدى ۋە رېمونت قىلىپ يېڭىلىدى، قوغدىدى.

  ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش نەتىجىلىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 2017- يىلىغا قەدەر، شىنجاڭ نىيە خارابىسى، لوپنۇر يىڭپەن قەبرىستانلىقى، چاقىلىق كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى، كۇچا دوستلۇق يولىدىكى جىن سۇلالىسى 16 بەگلىك دەۋرىگە مەنسۇپ خىش قەبرىستانلىقى، باركۆل دۇڭخېيگۇ خارابىسى، جېمىنەي توڭتيەندۇڭ خارابىسى قاتارلىق سەككىز ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرى ئىلگىرى - ئاخىر مەملىكەت بويىچە شۇ يىللىق ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش ئەختەر، ئوتتۇرا ئىقلىمغا نەپ يېتەر» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كىمخاب يەڭلىك، «بەگ - تۆرىلەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇزاق يىل تىنچ ئۆتسە، ئەۋلادلارغا پايدىلىق» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كىمخاب قاتارلىق دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلدى.

  قەدىمكى كىتابلارنى قوغداش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەتلەش، نەشر قىلىش، پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىسى، قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش مەركىزى، قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى، ئاز سانلىق مىللەت قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئالاھىدە ساقلاش ئامبىرى قۇرۇلدى. 2011- يىلى، شىنجاڭ قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش مەركىزى 1- قېتىملىق قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلاپ، نۇقتىلىق، قىممەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى ۋە ساقلىنىش ئەھۋالىنى تىزىملاپ خاتىرە تۇرغۇزدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە نەچچە قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى، 2017- يىلىغا قەدەر رەتلەنگەن، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلگەن قەدىمكى ئەسەرلەر 14 مىڭ 980 خىلغا يەتتى. ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئەسەرلەر خەنزۇ يېزىقى (خەنزۇ يېزىقى، تاڭغۇت يېزىقى ۋە قىتان يېزىقى قاتارلىقلار)، ئارامى يېزىقى (قارۇشتى يېزىقى، پەھلىۋى يېزىقى، مانى يېزىقى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق ئون نەچچە خىل) ۋە بىراخمى يېزىقى(سانسكرېت يېزىقى، ئاگنى يېزىقى- كۈسەن يېزىقى، ئۇدۇن يېزىقى، تۈبۈت يېزىقى قاتارلىقلار)دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىستېمىدىكى جەمئىي 19 خىل تىل، 28 خىل يېزىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەزمۇنى سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت، دىن، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، تېبابەت، سەنئەت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەتلەپ رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى كۈنسېرى كۈچەيتىلدى.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق قەدىمكى ئەسەرلەرنى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشى، رەتلىشى، نەشر قىلىشىنى قوللىدى. قەدىمكى ئەسەرلەر مۇتەخەسسىسلىرىنى ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشقا، مەسلىھەت بېرىشكە تەشكىللىدى، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش خىزمەتچىلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلارنى پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. 2011- يىلى دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «غەربىي يۇرتتىكى قىممەتلىك ئەسەرلەر — شىنجاڭدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى»نى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، كۆرگەزمىگە قويۇلغان يەككە نۇسخىلىق قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ سانى يېرىمدىن ئېشىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى. «قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ۋارىسلىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە، سىياسەت، قانۇن - نىزام چىقىرىش كۈچەيتىلدى. 2008- يىلى، شىنجاڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى»نى ئېلان قىلدى؛ 2010- يىلى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش نىزامى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى. شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا دائىر بىر قاتار تۈزۈملەرنى چىقىرىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىلمىي، سىستېمىلىق قۇتقۇزۇش ۋە قوغداشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1951- يىلى، 1954- يىلى ئىككى قېتىم قۇتقۇزۇۋېلىش خاراكتېرىدە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى لېنتىغا ئالدى. 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ، زور مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ، قىرغىزلارنىڭ تارىخىي داستانى «ماناس»، موڭغۇللارنىڭ تارىخىي داستانى «جاڭغىر» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى رەتلەپ نەشر قىلدى. «جۇڭگو مىللەتلەر ئەل ئىچى ئۇسسۇللار توپلىمى . شىنجاڭ تومى»، «جۇڭگو ئەل ئىچى ناخشىلار توپلىمى . شىنجاڭ تومى»، «جۇڭگو ئەل ئىچى ھېكايىلەر توپلىمى . شىنجاڭ تومى» قاتارلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇزىكىسى، ئۇسسۇلى، ئەلنەغمىسى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون چوڭ سەنئەت توپلىمىنى تۈزۈپ نەشر قىلدى. «جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرى — شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ خاتىرىگە ئېلىش قۇرۇلۇشى»نى داۋاملىق يولغا قويدى. 2017- يىلىغا قەدەر، شىنجاڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك 23 ۋارىسلىق قىلغۇچىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك خاتىرىگە ئېلىش خىزمىتىنى تاماملاپ، يېزىق، سۈرەت، ئۈن - سىن قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغدىدى؛ ئۇيغۇر چالغۇلىرى، گىلەم ۋە ئەتلەستىن ئىبارەت ئۈچ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك قوغداش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 91 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بازىسىغا نام بېرىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، قىرغىزلارنىڭ تارىخىي داستانى «ماناس»، ئۇيغۇر مەشرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى «ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى»گە ۋە «جىددىي قوغداشقا تېگىشلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى. دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تۈرلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا 83 كە، 294 كە يەتتى، دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 112 گە، 403 گە يەتتى.

  مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى ھۆرمەتلەندى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى. شىنجاڭ پەرققە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇش، ئۆزئارا بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىنى تولۇق ھۆرمەتلەپ ۋە قوغداپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ ئىناق، بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدى. چاغان، چىڭمىڭ بايرىمى، دۈەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى، شۇنىڭدەك روزى ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملاردا ھەر مىللەت خەلق قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولدى. ھەر قېتىملىق بايرام يېتىپ كەلگەندە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئامما مۇزىكا، ناخشا - ئۇسسۇل، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ماھارىتى قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن تەبرىكلىدى. خەنزۇلارنىڭ «يۈەنشياۋ بايرىمىلىق پانۇس سەيلىسى»، ئۇيغۇرلارنىڭ «مەشرەپ»ى، قازاقلارنىڭ «ئايتىس»ى، قىرغىزلارنىڭ «قومۇز ئېيتىشىشى»، موڭغۇللارنىڭ «نادام يىغىلىشى»، خۇيزۇلارنىڭ «خۇائېر يىغىلىشى» قاتارلىق مىللىي ئۆرپ - ئادەت پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ مىللەتلەرنىڭ بىر - بىرىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مىللەتلەرنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك- ئىچمەك، تۇرار جاي ۋە يۈرۈش - تۇرۇش، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، قائىدە - مۇراسىم، ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلمىي، مەدەنىي، ساغلام بولغان كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

بەشىنچى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى

  مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يادروسى كىشىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئاخبارات - نەشرىيات ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەرمىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشىنى قوللىدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىنو كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملار شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسى كۈنسېرى ئۆستى. 1955- يىلى شىنجاڭدا ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىن بىرى، تۈرلۈك تەنتەربىيە مەيدانىدىن 425 ى بار ئىدى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت سارىيى، كۇتۇپخانىلارنى رېمونت قىلىش، يېڭىلاش قۇرۇلۇشى»، «مەدەنىيەت ئۇچۇرى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش قۇرۇلۇشى»، «يېزا - بازار ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى قۇرۇلۇشى» قاتارلىق بىر يۈرۈش مەدەنىيەت ئۇل قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويدى. 2017- يىلىغا قەدەر، شىنجاڭدىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانا 112 گە، مۇزېي ۋە خاتىرە سارىيى 173 كە، گۈزەل سەنئەت سارىيى 57 گە، مەدەنىيەت سارىيى 119 غا، مەدەنىيەت پونكىتى ۋە مەدەنىيەت ئۆيى 12 مىڭ 158 گە، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى(ئۇزېلى) 302 گە يەتتى، رادىيو ۋە تېلېۋىزىيەنىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %97.1 ۋە %97.4 كە، تەنتەربىيە مەيدانى 29 مىڭ 600 گە يېتىپ، نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى شەكىللەندى.

  شىنجاڭ شەھەر - يېزا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن باراۋەر بەھرىلىنىشنى پائال ئالغا سىلجىتتى. مەدەنىيەت سارىيى، كۇتۇپخانا، مۇزېي، يېزا - بازار(كوچا) مەدەنىيەت پونكىتى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. رادىيو - تېلېۋىزىيە ئاساسىي جەھەتتىن ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلدى. يېزىلاردا كىنو قويۇش ھەممە مەمۇرىي كەنتنى قاپلىدى. مالىيەدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ، نامرات يېزا - كەنتلەردە ئەلنەغمە قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرىنى قويۇشنى قوللىدى. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى، دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى قۇرۇلۇشى مەمۇرىي كەنتلەرنى تولۇق قاپلىدى. 2017- يىلىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونلۇق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 13 نۆۋەت، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەككىز نۆۋەت، ياشانغانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بەش نۆۋەت، مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالتە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى. كەنت دەرىجىلىك «دېھقان- چارۋىچىلار» تەنتەربىيە - چېنىقىش قۇرۇلۇشىنىڭ تولۇق قاپلىنىشى ئىشقا ئاشتى. يېڭى، تۈرلۈك چېنىقىش سايمانلىرى چەت يېزا- كەنتلەردە ئومۇملاشتى، مول، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ۋە چېنىقىش پائالىيەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئاخبارات - نەشرىيات ئىشلىرى داۋاملىق گۈللەندى. شىنجاڭدا ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كېلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى جانلىق نامايان قىلدى. رومان «تىيانشان باغرىدىكى <ئەسكەر>»، شېئىرلار توپلىمى «سىرلىق تاغ»، نەسرلەر توپلىمى «شىنجاڭدا»، ئەدەبىيات ئوبزورلىرى توپلىمى «غەربىي قىسىم: چەت - ياقا ئۆلكىلەرنىڭ ئەدەبىيات يېزىقچىلىقى»، ماي بوياق ئەسىرى «ئېگىزلىكتىن يوللانغان تىلەك − 5.19 دۆلەت خاتىرىسى»، فوتو سۈرەت ئەسىرى «جۇدۇنلۇق ھايات»، دىراما «چوڭ بازار»، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل»، «باياۋاندىكى ياشلىق باھار»، ناخشا - ئۇسسۇللۇق تىياتىر «تىيانشانغا مۇھەببەت»، مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، مۇزىكىلىق سېرك تىياتىرى «ياخشىمۇ سىز، ئەپەندى»، ناخشا «بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ئاتا - ئانىلار»، رادىيو تىياتىرى «مالەن قوشىقى» ۋە كىنو «ئەزىم دەريا»، «گۈل»، «چىن مۇھەببەت»، «ھايات - ماماتلىق لوپنۇر»، «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتى، لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى، جۇڭگو كىنو خۇابياۋ مۇكاپاتى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا، سېرك «ھاياتلىق سەپىرى»، «قاڭقىما تورنىك — مەسئۇلىيەت» قاتارلىقلار خەلقئارا سېرك بايرىمى ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2006- يىلى شىنجاڭ رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزى قۇرۇلدى، ئارقىدىن 11 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە غۇلجا شەھىرى، يەكەن ناھىيەسى، كۇچا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسىدە تېلېۋىزىيە تەرجىمە بۆلۈمى قۇرۇلدى. نۆۋەتتە، يىلىغا ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا 6200 قىسىم ئەتراپىدا كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدا ئىككى خىللا گېزىت بار ئىدى. 2017- يىلىغا قەدەر، شىنجاڭدا بار گېزىت 126 خىلغا، ژۇرنال 223 خىلغا يەتتى، ھەر يىلى نەشر قىلىنغان كىتاب، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرى تەخمىنەن 10 مىڭ خىلغا يەتتى.

  مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك كەسپىنىڭ ئەمەلىي كۈچى تەدرىجىي ئاشتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 10 مىڭدىن ئارتۇق مەدەنىيەت كارخانىسى بار بولۇپ، تۈرى بىر قەدەر تولۇق بولغان مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىيات سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ئاخبارات - نەشرىيات، تارقىتىش، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە، ئويۇن قويۇش، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇن، مەدەنىيەت ساياھىتى، ھۈنەر - سەنئەت، سەنئەت بۇيۇمى، كارتون، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، ئىجادىي لايىھەلەش، رەقەملىك مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى. 2017- يىلىغا قەدەر، دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ئالتىگە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى 109 غا، دۆلەتنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن كارتون كارخانىسى 11 گە يەتتى، تۈرلۈك مەدەنىيەت كەسىپ باغچە رايونىدىن 20 سى قۇرۇلدى؛ دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 12 گە، ساياھەت يېتەكچىسى 17 مىڭغا يەتتى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى يىلسېرى ئاشتى.

  بىر تۈركۈم كەسپىي تەنتەربىيە كۇلۇبلىرى قۇرۇلۇپ، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ۋە ماھارەت كۆرسىتىش بازىرى كۈنسېرى جانلاندى. تەكلىماكاننى ئايلىنىش ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت دالا راللى مۇسابىقىسى، جۇڭگو ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى شىنجاڭ رايونى مۇسابىقىسى بىر قەدەر يۇقىرى بازارلاشقان باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو خەلقئارا دالىدا قونۇش يىغىلىشى، خەلقئارا قۇملۇق دالا مۇسابىقىسى، ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت مۇسابىقىسى، سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى تەنتەربىيە ئىستىراھەت بازىرى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى. ئات بەيگىسى، قار - مۇز تەنھەرىكىتى، ئاۋىياتسىيە تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور.

  شىنجاڭدا جۇڭخۇا تېببىي دورىگەرلىكى (مىللىي دورىگەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، داۋالاش ئاپپاراتى دورىلىرى، يېمەكلىك(ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، داۋالاش ئەسۋابلىرى ۋە دورىغا ئىشلىتىلىدىغان ئورۇ ماتېرىياللىرى قاتارلىق تۈرى بىر قەدەر تولۇق بولغان تېببىي دورىگەرلىك ساغلاملىق كەسىپ سىستېمىسى شەكىللەندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى، قازاق تېبابىتى دورىگەرلىكى، موڭغۇل تېبابىتى دورىگەرلىكى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئەنئەنىۋى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى گۆھەر ھېسابلىنىدۇ، نۇرغۇن دورا ماتېرىياللىرى دۆلەت ئۆلچىمىگە ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقات تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. شىنجاڭنىڭ مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ سېتىلىش مەھسۇلات قىممىتىنىڭ دورا كەسپىنىڭ سېتىلىش ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلسېرى ئاشتى؛ مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى دۆلەت ئىچى بازىرىدا ئۈزلۈكسىز بازار تېپىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا سېتىلىپ، خەلقئارا بازارغا كىردى.

  تور مەدەنىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئالاقە تورىنىڭ جۇڭگودا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالاقە تورى بارغانسېرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆگىنىشى، خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىدىكى يېڭى بوشلۇققا، ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشىدىكى يېڭى سۇپىغا ئايلاندى. 2017- يىلىغا قەدەر، شىنجاڭدا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان تور بېكىتى 11 مىڭ 520 گە، مۇقىم كەڭ بەلباغ ئابۇنىچىسى 5 مىليون 699 مىڭغا، كۆچمە ئالاقە تورى ئابۇنىچىسى 18 مىليون 558 مىڭغا يەتتى. ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئابۇنىچىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە نەچچە ئونلىغان دۆلەت، رايونغا تارقالدى. جۇڭگونىڭ ياخشى تور ئەھلى بولۇش، ئەتلەس تورى يېتەكچىلىكى، تور رىشتىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يولغا قويۇلۇپ، «تور جۇڭگو بايرىمى»، «مەن ئانارنىڭ دانىسى»، «ئەتلەسنىڭ تىيانشاندىن چىقىشى» قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق يۈرۈشلۈك تور مەدەنىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 7000 دىن ئارتۇق تۈرلۈك تور مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. 2017- يىلى، شىنجاڭدىكى يەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ توردىن پارچە سېتىۋېلىش سوممىسى 56 مىليارد 910 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %29.8 ئاشتى. جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان تور مەدەنىيىتى ئىلگىرىلەشكە، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يېتەكلىدى.

ئالتىنچى، تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۈنسېرى جانلاندى

  شىنجاڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازا بولۇپ، شەرق، غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ ئالمىشىشى ۋە بىر- بىرىنى ئۆرنەك قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدا كۆپ تەرەپلىمىلىك، كۆپ قاتلاملىق تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەندى.

  كۆپ خىل شەكىلدە خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىغا قاتناشتى. جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى، جۇڭگو — ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى «جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيىتى كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» ۋە «نەشرىيات كۆرگەزمىسى» قاتارلىقلار مەلۇم خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندى. 2009- يىلىدىن بۇيان، «جۇڭگو . شىنجاڭ خەلقئارا ياش - ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى» يەتتە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەت ھەم رۇسىيە، موڭغۇلىيە، پاكىستان، ھىندىستان، مالايسىيا، تايلاند، كورېيە، ئەزەربەيجان قاتارلىق 12 دۆلەتتىن ۋە دۆلەت ئىچىدىن بولۇپ 119 مەدەنىيەت - سەنئەت كوللېكتىپىدىكى 2330 دىن ئارتۇق ياش - ئۆسمۈر شىنجاڭدا ئويۇن قويۇش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىندى. 2012- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇدا يەتتە قارار «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇ مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسى» ئېچىپ، 25 دۆلەتتىكى 100 دىن ئارتۇق تاراتقۇ مەسئۇلىنى شىنجاڭدا مۇھاكىمە قىلىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئادىمىيەت، پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتتى. 2016- يىلى، 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو ــــ ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۆتكۈزدى، 30 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىكى 154 ئەزىز مېھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. 12 دۆلەت دەرىجىلىك خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسىنى قۇرۇپ، 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايون، شۇنىڭدەك ئون خەلقئارا تەشكىلات ۋە تەتقىقات ئاپپاراتى بىلەن خەلقئارالىق پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى قانات يايدۇردى. بۇ، يېزا ئىگىلىكى، بايلىق، مۇھىت، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئاسترونومىيە، كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى، بىيودورىگەرلىك، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. «چەت ئەلدىن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇش پىلانى»نى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭدا ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ياردىمى بېرىش كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتتى. شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەلدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقانلارنى تەربىيەلەش كۆلىمىنى يىلسېرى ئاشۇرۇپ، سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. 1985- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىن كېلىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچى 50 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى، قازاق تېبابىتى دورىگەرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا تېبابەتچىلىكىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - چەت ئەل بىرلەشمە جۇڭگو تېبابىتى ئاپپاراتى قۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى، خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن بارغانسېرى كۆپ ئاغرىقنى كېلىپ داۋالىنىشقا جەلپ قىلدى. 2015- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بەش دوختۇرخانا خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 17 مىڭ ئادەم قېتىم چەت ئەللىك ئاغرىقنى دىياگنوز قويۇپ داۋالىدى. شىنجاڭ بىر قاتار يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارادىكى زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنى پائال قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

  شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت سالاپىتى سىرتقا پائال نامايان قىلىندى. 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ، «جۇڭگو شىنجاڭ قەدىمىي يىپەك يولى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»، «يىپەك يولىدىكى سىرلار ــــ شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» قاتارلىق شىنجاڭنىڭ نادىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى ياپونىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلدى. بىر تۈركۈم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابى، ئەنگلىيە، ياپونىيە، فىرانسىيە ۋە شىنجاڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە كۆرسىتىلدى ھەم كۆرگەزمە قىلىندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «جۇڭگونى بىلىش ــــ جۇڭگو غەربىي قىسىم مەدەنىيەت سەپىرى . شىنجاڭ قىسمى»، «جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى»، «جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، رۇسىيە، قازاقىستان، گىرۇزىيە، مىسىر، تۈركىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، ئافغانىستان، مالايسىيا، بىرۇنېي، لائۇس قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. شىنجاڭ كۆپ قېتىم ئۆمەك تەشكىللەپ جۇڭگوغا ۋاكالىتەن خەلقئارا ئىسسىقكۆل تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان تەنتەربىيە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى.

خاتىمە

  جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ياراتقان، ۋارىسلىق قىلغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنىڭ مەنىۋى تۈگۈنى. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى، مەنىۋى يۇرتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا، ھەم جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئاكتىپ يېتەكلىگۈچىسى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، ھەم جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سادىق ۋارىسلىق قىلغۇچىسى ۋە ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى بولۇپ كەلدى. زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە جۇڭگو خەلقى ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى داۋامىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئېلىپ بېرىش، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك ۋە چوقۇم ئالالايدۇ!» بۈگۈنكى كۈندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتى يېڭى دەۋرگە كىردى، يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سەھنىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى داۋامىدا يېڭى گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشتەك يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك ۋە چوقۇم ئالالايدۇ!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.