تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋر شىنجاڭ شەھەر خىزمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋر شىنجاڭ شەھەر خىزمىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەھەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەر خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە قويۇپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر يولى ئىكەنلىكىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ماسلىشىشتىكى رېئال ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، «تۆت ئاڭ» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى قەتئىي تۈردە مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى ۋە باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، ماسلىشىپ، بوشلۇق، كۆلەم، كەسىپتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇرۇلمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پىلان، قۇرۇلۇش، باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھالقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، شەھەر ئاھالىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سۇبيېكتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شەھەرنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، شەھەر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئۆزگىچە شەھەر بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باي- باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى، ئۆزگىچە، خاسلىقى روشەن شەھەر تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.

  بىرىنچى، پىلان يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەر تەرەققىيات پىلانىنى ياخشى تۈزۈش كېرەك. شەھەرنى يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، پىلاننىڭ قاتتىق چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، ئىشلارنى بىر- بىرىگە ئۇلاپ ئىشلەپ، پىلاننى ئاخىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ شەھەرنىڭ بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، فۇنكسىيەسى ئېنىق، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرۇلغان، قۇرۇلمىسى ئەلالاشقان، ئېكولوگىيەسى ياخشى، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، تەرەققىياتى ماس بولغان شەھەر- بازار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛ شەھەر لايىھەلەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل شەھەر نام كارتىسى يارىتىپ، شەھەر سېھرىي كۈچىنىڭ قايتا نامايان بولۇپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت خاسلىقىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ يادرولۇق ئامىلىنى شەھەر تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش؛ يىپەك يولى خاسلىقىنى نامايان قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى بوستانلىق شەھەر- بازارلىرىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى چاقناپ تۇرغان مەرۋايىت قىلىپ قۇرۇش؛ ئېكولوگىيە خاسلىقىنى نامايان قىلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل ئوبرازنى تولۇق نامايان قىلىش؛ چېگرا رايون خاسلىقىنى نامايان قىلىپ، بىر تۈركۈم چېگرا مەركىزىي شەھەر- بازارلىرى، پورت شەھەر- بازارلىرىنى قۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەرنىڭ يول تورى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق يول تورى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش؛ يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا تورى قۇرۇپ، شەھەر لىنىيەسىدىكى «ئۆمۈچۈك تورى» ۋە «يول سىيرىتمىسى» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش؛ كەپىلىك ئۆيلەرنى ئەمىن ئۆيلەرگە ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش؛ ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى شەھەرنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەر ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، كەسىپ تەرەققىياتىنى شەھەر- بازارلارنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي شەھەر رايونى تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش، كەسىپلەرنى توپلاش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر- بازار تەرەققىياتىنىڭ كەسىپ تىرىكىنى كۈچەيتىش؛ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرلىك بىلەن بىڭتۈەن، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى شەھەر- بازارلار ئارىسىدا كەسىپتە ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇش، كەسىپ ئارقىلىق شەھەرنى گۈللەندۈرۈش، شەھەر ئارقىلىق كەسىپكە تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن شەھەر- بازارلار قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، يېشىل تەرەققىياتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار- مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شەھەرنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بۇلۇتسىمان شەھەر قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ شەھەر- بازارلىرىنىڭ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئالتىنچى، دەل جايىدا بولۇش، ئىنچىكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، ھوقۇق- مەسئۇلىيەت ئېنىق، قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە شەھەر- بازار باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش؛ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەر باشقۇرۇشنىڭ ئۇچۇرلىشىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشى، ئىنچىكىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئاممىنىڭ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ تەرتىپلىك ھالدا شەھەر تۈزەشكە قاتنىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شەھەرنى ئورتاق تۈزەش، ئورتاق باشقۇرۇش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يەتتىنچى، ئىسلاھ قىلىش- يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەرنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر- بازاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بار دائىملىق نوپۇس ۋە يۆلەپ كۆچۈرۈلگەن نامرات نوپۇسلارنى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇشنى شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ يەر باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر- بازار قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر بىلەن نوپۇسقا ئالدۇرۇلغان ئاھالىلەر كۆلىمىنى ئۆزئارا چېتىشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش؛ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ- خەتىرى ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كارخانىلار، تۈرلۈك كاپىتالنى شەھەر قۇرۇلۇشى، تىجارەت، باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  سەككىزىنچى، شەھەر- يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر- يېزا ئامىللىرىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى، باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەھەر- بازارلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ شەھەرنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر- يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلىنىپ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، شەھەر- يېزا بىر گەۋدىلەشكەن ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر ئارقىلىق يېزىلارغا تۈرتكە بولىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان، شەھەر- يېزا بىر گەۋدىلەشكەن، تەكشى تەرەققىي قىلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىيات مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش كېرەك.

  توققۇزىنچى، خاتىرجەملىك، ئىناقلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەرنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شەھەر خىزمىتىدە بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇشنىڭ ھەممىسىدە مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش تورىنى زىچ قۇرۇپ، شەھەر خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى قوغداپ، دائىملىق، سىستېمىلىق، زامانىۋى شەھەر يۈرۈشۈشى بىخەتەرلىك كاپالىتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا گىرەلەشكەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ شەھەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نەتىجە- ئۈنۈم يارىتىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم، زور ۋەزىپە قىلىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دائىملىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ماھارەتنى كۈچەيتىپ، شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، تەتبىقلاشقا ماھىر بولۇپ، شەھەر خىزمىتى سەۋىيەسى ۋە قانۇن بويىچە شەھەرنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەپ، شەھەر خىزمىتىنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە كىشى شەھەر قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە كىشى شەھەر قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغان، ھەممە كىشى شەھەر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك. رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، شەھەر خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار شەھەر خىزمىتىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، «خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق باشقۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ شەھەر خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزگىچە شەھەر روھى يارىتىپ، ئۆزگىچە شەھەر سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭىچە ئىشچى- دېھقان، شەھەر- يېزا مۇناسىۋىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، تىرىشىپ شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەرنى ئىناقلىق، مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە موتورىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئالىدىغان، تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان، چوقۇم ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەيدىغان خىزمەت ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، «قاتتىق» ۋە «ئەمەلىي» بولۇش ئىستىلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شەھەرنى چۈشىنىدىغان، باشقۇرالايدىغان بىر تۈركۈم كادىرلارنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ، ئىلمىي پوزىتسىيە، ئىلغار ئىدىيە، كەسپىي بىلىملەر ئارقىلىق شەھەرنى پىلانلاپ، قۇرۇپ، باشقۇرۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ شەھەر تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  يىغىن تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، بادەي، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جيەنشىن، دوۋ ۋەنگۈي، چيۇ شۇخۇا، جاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.