تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

   شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

  ھەربىي ئىشلار سىياسەت -تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئېنىق تونۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي ئىشلار سىياسەت- تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىنى 11- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىنى 11- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى شۈەنلياڭ، مېي شىشيۇڭ). مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىنى 11- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى ھەربىي ئىشلار مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، ھەربىي ئىشلار ئەمەلىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتى پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەربىي ئىشلار سىياسەت- تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئېنىق تونۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ھەربىي ئىشلار سىياسەت- تۈزۈم ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ياخشى تاماملاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە، پارتىيەمىز ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى، پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى، خەلق ئارمىيەسى زىممىسىگە ئالغان مەسئۇلىيەت، ۋەزىپىگە ئاساسەن، ئارمىيەنى قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتى ۋە ئەمەلىي تەلىپىگە ئاساسەن، ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز يۈزلىنىشىنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىمۇ يېڭى دەۋرگە كىردى، ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك تارقىتىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، ھەربىي ئىشلار رىقابىتى ۋە ئۇرۇش قىلىش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەش ۋەزىيەت، ۋەزىپىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ، ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمىنى سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئىسلاھات قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى يۆنىلىش قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جەڭگىۋارلىقنى بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، ھەربىي خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئالدىن لايىھەلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك قايتا بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي ئىشلار سىياسەت- تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسەت - تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ مىزان قىلىپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدايدىغان، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەربىي كۈچنى ئىشلىتىش سىياسەت - تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپىگە ماسلىشىش، دىققەتنى ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش، ھەربىي ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بىرلىشىپ جەڭ قىلىش قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، ئۇرۇش تەييارلىقى تۈزۈمىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرلەشمە، ئادەتتىكى ۋاقىت بىلەن ئۇرۇش ۋاقتى بىر گەۋدىلىشىشنى ئاساس قىلغان ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش سىياسەت - تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەمىزنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەربىي كۈچ قۇرۇلۇشى سىياسەت - تۈزۈمىنى قايتا بەرپا قىلىپ، ھەربىي ئىشلار ئادەم كۈچى بايلىقى تۈزۈمى سىستېمىسىنى لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوفىتسېرلارنى كەسىپلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھەربىيلەر تەمىنات - كاپالىتى تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەربىيلەر شان - شەرەپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىي مەشىق، قورال - ياراغلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئارقا سەپ قۇرۇلۇشى، ھەربىي پەن تەتقىقات، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى، ئارمىيە- خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان، ئارمىيە - خەلق يۇغۇرما ھەربىي كۈچ قۇرۇلۇشى سىياسەت- تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، جەڭگىۋارلىقنى تېخىمۇ ياخشى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەربىي خىراجەتنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، ھەربىي بايلىقلارنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن- نىزام تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى توپلاشتۇرۇش، ھەربىي قانۇن - نىزاملارنى توپلاملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي ئەدلىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان، قاتتىق چەكلەيدىغان ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش سىياسەت - تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەربىي ئىشلار سىستېمىسىنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن ئارمىيەنى ھەربىي ئىشلار سىياسەت- تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىسلاھاتنى تونۇپ، ئىسلاھاتنى قوللاپ، ئىسلاھاتقا بويسۇنۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتكە ئېتىبار بېرىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، فۇنكسىيە ۋە ۋەزىپە ئىش تەقسىماتى بويىچە سىياسەت- تۈزۈم تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات مۇساپىسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى، ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ جىددىي تەقەززاسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم سىياسەت- تۈزۈمنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارمىيە ئىسلاھاتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، زىممىسىگە ئالغان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ كۈچى بىرلەشكەن ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۈ چىلياڭ ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جاڭ يوۋشيا ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى. ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.