تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

  پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى، بىرۇنېي ۋە فىلىپپىندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ 11- ئاينىڭ 12- كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ باش ۋالىيسى دادائىي ۋە زۇڭلى ئونېل، بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىنىڭ سۇلتانى خاسانئال، فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى دۇتېرتېنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە، يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئارىلىقتا، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ زۇڭلىسى ئونېلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىكى مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.