تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى كېسىنگىر بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر لى جۇڭفا). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 8- كۈنى خەلق سارىيىدا ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى كېسىنگىر بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دوكتور كېسىنگىر جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى بولۇپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپە قوشقان، بىز بۇنى ئۇنتۇپ قالمايمىز. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بوران- چاپقۇن ۋە ئەگرى- توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈردى، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئىلگىرىلەشنى ساقلىدى. نۆۋەتتە دۇنيا 100يىل مابەينىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈمىد قىلماقتا. مەن زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن ئارگېنتىنادا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە كۆرۈشۈشكە كېلىشتۇق، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرساق بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىغا نىسبەتەن توغرا ھۆكۈمدە بولۇشى كېرەك. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك پاسسىپ سادالار كۆپىيىپ قالدى، بۇ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىلا توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچەپ، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا يول قويۇش روھى بويىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى خالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا تەرەپمۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزى تاللىغان يولدا تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا ۋە مۇۋاپىق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئوخشاش نىشاننى كۆزلەپ ئىلگىرىلىشى، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

  كېسىنگىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېڭى باسقۇچقا كىرگەن مۇھىم پەيتتە، جۇڭگوغا يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ھەم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، مەن جۇڭگودا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولدۇم، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا- جۇڭگو ھەمكارلىقى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. مەن جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىمەن. ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ۋە يىراقنى كۆرەرلىككە موھتاج، ئامېرىكا- جۇڭگو ئىككى تەرەپ تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، كىشىلەرگە ئامېرىكا- جۇڭگو ئورتاق مەنپەئىتىنىڭ ئىختىلاپتىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا ئارگېنتىنادا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆرۈشۈشىنىڭ ئوڭۇشلۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.