تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى خەلقئارا كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرشارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى خەلقئارا كومىتېتىنىڭ 13- نۆۋەتلىك يىغىنى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى شەنشى شىئەندە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى مۇھىم بوشلۇق ئۇل ئەسلىھەسى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنى پۈتۈن كۈنلۈك ئېنىق ئۆلچەملىك ۋاقىت بوشلۇقى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئۇچۇر كاپالىتى. بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالەم بوشلۇقى يىغىنىنىڭ 50 يىللىقى، ھەرقايسى دۆلەتلەر سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاشنى دۇنياۋىلاشتۇرۇپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاشنىڭ ئىنسانىيەت بەختى ئۈچۈن تېخىمۇ زور رول ئوينىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرىدۇ. يەتىكەن يۇلتۇزى سىستېمىسى جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 40 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بىرى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، يەتىكەن يۇلتۇزى سىستېمىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرىغا يۈزلەنگەن مۇلازىمەتنى يولغا قويىدۇ، 2020- يىلى مۇلازىمەت دائىرىسى پۈتۈن يەرشارىنى قاپلايدۇ، 2035- يىلىدىن ئىلگىرى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ يۇغۇرۇلغان، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال ۋاقىت بوشلۇقى سىستېمىسى قۇرۇلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن يەتىكەن يۇلتۇزى سىستېمىسىنى قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى، يەرشارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرشارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن يەرشارىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشى ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.