شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى. 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ئىلىم – پەن تەشكىلاتى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە 2 – نۆۋەتلىك ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىماقتا. ھەرقايسى دۆلەت ئىلىم – پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئورتاق تىرىشىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ئىلىم – پەن تەشكىلاتى ئىتتىپاقىنىڭ سۇپىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېشىل يول، يېڭىلىق يارىتىش يولى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.