تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىلەن ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد VI ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  جۇڭگو – ماراكەش دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ بىلەن ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد VI ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  لى كېچياڭ بىلەن ماراكەش باش ۋەزىرى ئوسمانى ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ماراكەش پادىشاھلىق دۆلىتىنىڭ پادىشاھى مۇھەممەد VI بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ماراكەش ئەڭ بالدۇر يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن – ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى. 2016 – يىلى جۇڭگو – ماراكەش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى. مەن جۇڭگو – ماراكەش مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدىكى تۈرلۈك ھەمكارلىقلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو – ماراكەش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

    مۇھەممەد VI تەبرىك تېلېگراممىسىدا 60 يىلدىن بۇيان ماراكەش – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلغانلىقىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ئىزچىل ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە ئىشىنىپ كەلدى، ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى سىجىل تېز ئاشتى. ماراكەش ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشنى، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويغان ھەمكارلىق تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇشنى، ماراكەش – جۇڭگو ۋە ئافرىقا – جۇڭگو ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ماراكەش باش ۋەزىرى ئوسمانى بىلەنمۇ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو – ماراكەش مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ماراكەش ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنى، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئاستىدا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. ئوسمانى تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: ماراكەش تەرەپ ماراكەش – جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.