تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاساسىي قانۇننى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، يولغا قويۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئاساسىي قانۇن توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش قىلدى 

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن قاتناشتى


    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى›› توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش قىلدى.
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار قاتناشتى. يىغىن قاتناشچىلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىدا، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەم «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى>نى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئەستايىدىل ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يەن فېنشىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گو ليەنشەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.
    چېن چۈەنگو ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ چوڭ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى. بىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، يولغا قويۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ، پۇختا، ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسىنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە قەلب ساداسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، مۇھىم ھالقىنى ئىگىلەپ، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يېڭى دولقۇنىنى يەنىمۇ قوزغاپ، قان-تومۇرىمىزغا سىڭدۈرۈپ، روھىمىزنى تاۋلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك؛ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى توغرا ئىگىلەش دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، پارتىيە رەھبەرلىكى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، يادرونى قوغداش، يادروغا بويسۇنۇش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، تەرەققىيات يولى ۋە كۈرەش نىشانىنىڭ ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلىشى دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى توغرا ئىگىلىشىمىز، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا كۆرسىتىپ بېرىلگەن توغرا يۆنىلىش ۋە ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نىشانى بويىچە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئۇزاققىچە كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك؛ ئاساسىي قانۇننىڭ بىرتۇتاش يېتەكچىلىكىدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى توغرا ئىگىلەش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن بۇرچىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، ئاساسىي قانۇننىڭ بىرتۇتاش يېتەكچىلىكىدە قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىش، ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەت قىلىدىغان، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىدىغان، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، ئاساسىي قانۇننى قوغدايدىغان، ئاساسىي قانۇندىن پايدىلىنىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك. بىرىنچى، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق ئاز سانلىق»لارنى ياخشى تۇتۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قانۇننى ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىشلىتىشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ئاساسىي قانۇن تەربىيەسىنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئاساسىي قانۇن بۇرچىنى ئادا قىلىشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىل تەپەككۇر ۋە قانۇنچىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچى، ياش-ئۆسمۈرلەردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم توپنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات-تەربىيەسىنى ھەرقايسى مائارىپ باسقۇچلىرىغا سىڭدۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كاللىسىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. ئۈچىنچى، پۈتۈن جەمئىيەتتە تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇندىن ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرىدىن، ئاڭلىق ئەمەل قىلغۇچىلىرىدىن، قەتئىي ھىمايە قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. تۆتىنچى، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش تەشۋىقات تەربىيەسى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاساسىي قانۇننى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، يولغا قويۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى قانۇن بويىچە ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىقات تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.