تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا يېڭى سەھىپە يارىتىش

——پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك مۇلاھىزىنىڭ ‹‹دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قىسمى››

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

  بىر يىل ئىلگىرىكى ئالتۇن كۈزدە، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدا بىرىنچى 100 يىللىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شۇنداقلا ئىككىنچى 100 يىللىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى.

  بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچەۋاتقان، قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەۋاتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت كۆكرەك كېرىپ مەردانە قەدەم تاشلاپ، ھەيۋەتلىك ئۆزگىرىش ياساپ، قۇدرەت تېپىشنىڭ يېڭى دەۋر ئىمتىھان قەغىزىگە تىرىشىپ جاۋاب يازدى.

  ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىغا يېتەكچىلىك قىلىش

  ئىلمىي نەزەرىيە ۋاقىت ۋە بوشلۇق بىپايانلىقىدا ئۆز كۈچىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

  بىر يىل ئىلگىرىكى مۇشۇ پەيتتە، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى؛ 2018–يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە ئايلاندى ھەم دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى.

  ——2020–يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ 2035–يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش.

  بۇ، ئۆتمۈشنى ئەسلەش، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىگە خىتاب قىلىش——

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتكەن ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

  بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە، بىر سۆزنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئارقىسىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر قەغەزدە جانلىق گەۋدىلەندى، جۇڭخۇا مىللىتى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، گۈللىنىشكە يۈزلىنىش ئارزۇسىغا شۇ قەدەر يېقىنلاشتى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈردى.

  يېڭى دەۋرنىڭ ‹‹يېڭى››لىقى نەدە؟ يېڭى زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ يېڭى ۋەزىپىنى قانداق ئورۇنداش كېرەك؟

  ‹‹سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش›› پىرىنسىپى ئىزاھاتىدىن ‹‹14تە چىڭ تۇرۇش›› ئاساسىي تەدبىرىگىچە، يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىغىچە، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىن ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلار ئىچكى–تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكىچە، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقىچە...

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دەۋرىدىكى كۈرەش بەلگىسى ئېنىق كۆرسىتىلدى، ئالغا سىلجىتىش قەدىمى مەزمۇت، كۈچلۈك تاشلاندى.

  بىر يىلدىن بۇيان، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئىچكى–تاشقى مۇھىت ئالدىدا، جۇڭگو تەمكىن تاقابىل تۇرۇپ، دانا پىلانلاپ قوماندانلىق قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چوڭ دۆلەت سالاپىتىنى نامايان قىلدى.

  خەتەرلەردىن بۆسۈپ ئۆتۈلۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇۋاپىق دائىرىدە مۇقىم ئايلىنىپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى؛ ھەقىقىي قول سېلىنىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنىپ ئالغا بېسىلدى؛ ئارزۇلارغا جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈنسېرى ئاشۇرۇلدى؛ مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلىنماي، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى...

  ئېگىزگە يامىشىلدى، يىراققا يۈرۈش قىلىندى.

  يېڭى دەۋردە باشلانغان دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يېڭى مۇساپىسى جۇڭگونىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تىرىشىش يولىدۇر.

  يېقىندا، سەككىز تارماقنىڭ ئالاقىدار فۇنكسىيەسى بىرلەشتۈرۈلگەن تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ‹‹ئۈچنى بېكىتىش›› لايىھەسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، بۇنىڭ بىلەن ‹‹جۇڭگو بايلىقى››نى باشقۇرۇش–قوغداشتىكى ‹‹توققۇز ئەجدىھا سۇنى تىزگىنلەش›› ھالىتىگە خاتىمە بېرىلدى.

  يېڭىدىن قۇرۇش، قايتا تەشكىللەش، ۋىۋىسكا ئېسىش، تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش... قىسقىغىنا نەچچە ئايدا كەسكىنلىك بىلەن قىلىنغان ئاپپارات ئىسلاھاتى تاشقى دۇنياغا ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەردى.

  ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش

  726 مىليون ئادەم(قېتىم) دۆلەت ئىچى ساياھىتى، 600 مىليارد يۈەنلىك ساياھەت ئىستېمالى، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %9 ئېشىش... ئەمدىلا ئاياغلاشقان دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكىدە يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ھاڭ–تاڭ قالدۇردى.

  ۋەزىيەت كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان خەلقئارا مۇھىتتا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ توختىماي مەۋج ئۇرۇۋاتقان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى نەدىن كەلگەن؟

  ئامېرىكا يالى داشۆسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى سىتىفېن لوچ مۇنداق قارىدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى ئۈنۈمىنىڭ تېزلىكى باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن كۆرۈنەرلىك ھالقىپ كەتتى، بۇ ئاساسلىقى جۇڭگو رەھبىرىنىڭ پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان ھەرىكەت كۈچى ۋە جۇڭگونىڭ سىياسەت ئىجراچىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم جايلارغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، زاۋۇتلارغا كىرىپ، يېڭى رايونلارنى زىيارەت قىلدى، يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالىنى سوراپ، ئېكولوگىيەنى كۆردى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى، ئورۇنلاشتۇردى.

  دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلىنى پۇختىلاشتا تەرەققىياتنى ئاساس قىلىش شەرت.

  بىر يىلدىن بۇيان، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئاساسىي لىنىيە، يېڭىلىق يارىتىش 1–ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، رايونلارنى ماسلاشتۇرۇش مۇھىم تايانچ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش كۈچلۈك تەدبىر قىلىنىپ، ‹‹ئىككىدە تەۋرەنمەسلىك››تە چىڭ تۇرۇلۇپ، تەرەققىيات چوڭ شاھمات تاختىسىغا يۇقىرى سۈپەتلىك شاھمات ئۇرۇقلىرى تەرتىپلىك تىزىلدى.

  ——تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈلدى. ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››تا باسقۇچلۇق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تەمىنلەش–تەلەپ مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ئۆزگىرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى، مۇھىت ئاسراشنىڭ شىددەتلىك سالمىقى كېمەيمىدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى زور كۆلەمدە ئېشىپ %78.5كە يېتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدا ئومۇميۈزلۈك ئەلالىشىش، دەرىجىسى ئۆسۈش ھالىتى نامايان بولدى.

  ——ھاياتىي كۈچ تېخىمۇ تولۇپ تاشتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا بازار سۇبيېكتى ‹‹100 مىليونلۇق دەۋر››گە قەدەم قويۇپ، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىگىلىك تىكلەش دۆلىتىگە ئايلاندى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، دەل ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىلدى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەت ئارقا–ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى مىسلىسىز ئۇرغۇتۇلدى.

  ——ئېچىۋېتىش سالمىقى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. بەش يىللىق مۇساپىنى بېسىپ كەلگەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا ‹‹ئىنچىكە سىزما رەسىم›› سىزىلدى، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى كۈچ توپلاپ تەرەققىي قىلىشقا تەييارلاندى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە شەكىللەنمەكتە.

  نۆۋەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتىنى ساقلىدى، ئىقتىسادىي ئايلىنىش مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇپ، تارىخىي مۇساپىدىن ئالدى تەرەپكە نەزەر سالغاندا، تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق.

       دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلىنى پۇختىلاشتا ئىسلاھاتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش شەرت.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دەل جايىدا كۈچ چىقىرىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تۈزۈلمە–مېخانىزم كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

  ——يۆنىلىش جەھەتتە ئاچقۇچ چىڭ تۇتۇلدى. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مالىيە–باج–پۇل مۇئامىلە، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىدا ئۇدا بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ——ئۇسۇل جەھەتتە مەسىلە چىڭ تۇتۇلدى. مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش كەسپىنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە، يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىشتىن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىنى مەركەز تەڭشەشكىچە مەسىلىلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن جايلار، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەر نىشانلىنىپ، سىياسەت ئاساسىي نۇقتىسى ئىگىلىنىپ، كۆزلىمە مۇۋاپىق بېكىتىلدى.

  ——يولغا قويۇش جەھەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش چىڭ تۇتۇلدى. ئەركىن سودا رايونى ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، مەركەز مۇھىت ئاسراش تەكشۈرۈشىدە ‹‹قايتا قاراپ چىقىش›› يولغا قويۇلدى، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى، مەخسۇس تەكشۈرۈشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلدى... يولغا قويۇلغانلىرى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلدى، يېڭى باشلانغانلىرى تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلدى.

  ھەرىكەت ئەڭ كۈچلۈك جاۋاب.

  خەينەندە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشتىن چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ‹‹كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق››قىچە، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ تارقىتىلىشىغىچە، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىشتىن قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە چوڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يىرىك پىلانى تېخىمۇ تەرتىپلەشتۈرۈلدى، قەدەملەر تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇلدى.

  2020–يىلى ‹‹ھەل قىلغۇچ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش››نىڭ تەتۈر سانىقىغا توغرىلىنىپ، 19–قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 158 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ‹‹چوڭقۇر سۇ رايونىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى››، ‹‹غاجاش ئەڭ تەس بولغان قاتتىق سۆڭەك›› ئۈستىدە بىۋاسىتە ئىزدەندى.

  جۇڭگو ئۆز رىتىمىنى بويلاپ، ‹‹سۈپەت بىرىنچى››دىن ئىبارەت تەرەققىيات يېڭى پەللىسىگە قەدەم قويماقتا.

  قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شانلىق قىرغاققا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

  ھازىر، ئامېرىكا قوزغىغان ۋە تېخىمۇ ئۇلغىيىۋاتقان ئىقتىساد–سودا سۈركىلىشى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلىشىدىكى ‹‹مۇز تاغنىڭ بىر بۇرجىكى››.

  يەر شارىدا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە قانداق قىلىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى؟ ئېكولوگىيە بىلەن تەرەققىيات، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىق، ئورتاق قۇرۇش بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا قانداق قىلىپ بىر تۇتاش ئېتىبار بەردى؟

  تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتتىن زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغۇچە، جۇڭگو غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ نەچچە يۈز يىللىق تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنى قىسقىغىنا نەچچە ئون يىلغا يىغىنچاقلىشى كېرەك، بۇنىڭدىكى خەۋپ–خەتەر ۋە خىرىس ئۆز–ئۆزىدىن مەلۇم.

  بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دالياڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسىغا بېرىپ، خەلق ئاممىسىغا رىشتە باغلىدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاش يۈزىسىدىن 214 مىليارد يۈەن يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، ‹‹ئاز دېگەندە يەنە 200 ناھىيەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش›› ‹‹ۋەزىپە تىزىملىكى›› ئېلان قىلىندى...

  30 مىليون! بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئاتلىنىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇساپە، جۇڭگونىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ‹‹ھەربىي بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈش ۋەدىنامىسى››.

  ئىنسانلار تارىخىدىكى بۇ مىسلىسىز ئۇلۇغ ھەل قىلغۇچ جەڭدە، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغىنى، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، كەنتكىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن دۆلەت ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ‹‹ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق››تەك يۇقىرى بىلەن تۆۋەننىڭ بىر مەقسەتتە بولغانلىقىدۇر.

  بىر يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ تۆۋەن چەكنى ساقلىشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىدى؛ مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش قاتارلىق قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالار ئارزۇ قىلغان ‹‹گۈزەل جۇڭگو››نى قۇردى؛ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، پىشاڭنى تۈگىتىش سالمىقى ۋە رىتىمىنى ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ–خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى... ‹‹ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى››دە تەڭ ئىلگىرىلەپ، ‹‹ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى، تارىخنىڭ تەكشۈرۈشىگە بەرداشلىق بېرىشى›› ئۈچۈن تىرىشتى.

  مەۋقەنى يېڭى دەۋرگە قويۇپ، ئىجتىمائىي ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا، دۆلەت تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان قاتمۇقات سىناق كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە: تېز بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ ياخشى بولۇشى؛ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ماس بولۇشى كېرەك.

  ئېتىقاد خۇددى مەشئەلدەك يانسا، بۇرچنى جەزمەن ئادا قىلغىلى بولىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكىتى كەمتۈكلۈككە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھات پايدىسى ئىشەنچنى ئۇرغۇتتى:

  ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى، تەقلىدىي دورىلار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش سىياسىتى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، داۋالىنىش قىيىن، داۋالىنىش قىممەت بولۇشتەك ‹‹جاھىل كېسەل›› تەدرىجىي تۈگىتىلدى؛ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكىدە ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇش توپلاپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەر تېخىمۇ كۆپ ‹‹ئېرىشىش تۇيغۇسى››غا ئىگە قىلىندى؛ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئەمەلىيلىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى قوش يۆنىلىشلىك ئۆستۈرۈلدى...

  ‹‹خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.››

  جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش بۇ مەڭگۈلۈك ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ مىليونلىغان خەلقنى تېخىمۇ پارلاق قىرغاققا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە داۋاملىق چاقىرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

  (مۇخبىرلار چېن ئېرخوۋ، ۋۇ جىڭ، جاۋ چاۋ، شى يۈسېن، شى جىڭنەن)

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10–ئاينىڭ 19–كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.