تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، پائال ماسلىشىش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

   مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىش خىزمىتىگە كەم – كوتسىز ياخشى ماسلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنى نەقلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش، نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش مەسىلىسىنى كۈچەپ بايقاش ۋە ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەت، ئۇنىڭدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى نامايان قىلىندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بۇ قېتىمقى مەخسۇس كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كۆزىتىشكە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرما. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار مەخسۇس كۆزىتىشكە ھەقىقىي ياخشى ماسلىشىشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹ئىككىنى قوغداش››نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى قىلىشى، شىنجاڭنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى سىناشنىڭ مۇھىم ئەمەلىيىتى قىلىشى، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شۇجى جاۋ لېجى، مۇئاۋىن شۇجى ياڭ شياۋدۇ ۋە بۆلۈم باشلىقى چېن شىنىڭ تەلىپى بويىچە، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ياخشى ماسلىشىپ، مەخسۇس كۆزىتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىككى قولدا تۇتۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹پىيانىنو چېلىش››قا ماھىر بولۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشكە ياخشى مۇھىت يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ھەم تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھەم كۆڭۈل بۆلۈش، قوللاش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، بۇ قېتىمقى مەخسۇس كۆزىتىشنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلىپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كۆزىتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى، كۆزىتىشكە پائال ماسلىشىشى، كۆزىتىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى تۇتۇپ، باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي ئىشلارنى تۇتۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئالاقىدار تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، بىر تەرەپتىن كۆزىتىپ، بىر تەرەپتىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار مەسىلە يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشى كېرەك. بەش دەرىجىدىكى شۇجىلار تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسى پۇختا، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشكەن، تەدبىرى ئۈنۈملۈك، ئۆلچىمى ئىلمىي، مەسئۇلىيىتى چىڭ، مەبلىغى بىخەتەر بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇپ، كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، تىزىملىك بويىچە ھەممىنى قوبۇل قىلىپ، نېمە مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش، قانداق مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇنى نۇقتىلىق ھەل قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھېساب – كىتاب دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، مەسئۇل ئورۇن، تۈزىتىش نىشانى، تۈزىتىش تەدبىرى ۋە تاماملاش قەرەلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ‹‹مىخ قېقىش›› روھى بىلەن، تۈرمۇتۈر تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر – بىرلەپ تۈزىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، جى جېڭ، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.