تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ھەم شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋىرى: 10–ئاينىڭ 7–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ھەم شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە سىچۈەن ئاۋىياتسىيەسى ‹‹جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى قەھرىمان ئايروپىلان گۇرۇپپىسى››نىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ھەم شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى ھەم بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇنلاشتۇرمىلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقى، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەر بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل تارقىتىپ، ئىناق، مۇقىم ياخشى ۋەزىيەت ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈلمە–مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تىجارەت، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشنىڭ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى چوڭ يولىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى قۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاش، كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەتنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۈەن ئاۋىياتسىيەسى ‹‹جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى قەھرىمان ئايروپىلان گۇرۇپپىسى››نىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەھرىمان ئايروپىلان گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان، خىزمىتىگە سادىق سىياسىي پەزىلىتى ۋە كەسىپ ئەخلاقىدىن ئۆگىنىپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىدىغان يۈكسەك غايە–ئېتىقاد ۋە ئەخلاق–پەزىلەت ئىنتىلىشىنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى ئادەتتىكى خىزمەت، تۇرمۇشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى باشتىن–ئاخىر بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىپ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت–بۇرچنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا خىزمەت ئورنىنى بازا قىلىپ ساقلاپ، خىزمەتنى كەسىپ قىلىپ ئىشلەپ، ئۆزىنى بېغىشلاشنى بۇرچ دەپ قاراپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى، سالامەتلىكى ئۈچۈن ئەقىل–پاراسەت ۋە كۈچ بېغىشلاش كېرەك.

  يىغىندا ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرما، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىچكى تەلىپى، مالىيە–باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، مالىيە بايلىقىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇش، جامائەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىرى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈم باشقۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈم باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈنۈم باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈم باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم باشقۇرۇش چەكلىمىسىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، ئۈنۈم باشقۇرۇشتىكى تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي جەريانلىق خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش زەنجىرىنى ئورنىتىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە بايلىقىنىڭ تەقسىملەش ئۈنۈمى ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، خامچوت باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە سىياسەتنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشىلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.