تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق باش شۇجىسى دۇ مېينىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق باش شۇجىسى دۇ مېينىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق باش شۇجىسى يولداش دۇ مېينىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ بىئارام بولدۇم، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن سىزگە ھەم سىز ئارقىلىق ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى، ۋىيېتنام خەلقىگە يولداش دۇ مېينىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىنتايىن قايغۇلۇق تەزىيەدە بولغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن، يولداش دۇ مېينىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  يولداش دۇ مېي ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ پېشقەدەم كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ يېقىن يولدىشى، دوستى، ئۇ ۋىيېتنامنىڭ ئىسلاھات ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىغا بىر ئۆمۈر زېھنىنى بېغىشلىغان، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت پارتىيەسى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان.

  ئىشىنىمەنكى، يولداش باش شۇجىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى، ۋىيېتنام خەلقى چوقۇم قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.