تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 21–كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9–ئاينىڭ 21–كۈنى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن، ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا ئىنتايىن قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئەڭ سەمىمىي ھال سورىدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى يولداش چېن داگۇاڭنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ بىئارام بولدۇم، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن، سىزگە ھەم سىز ئارقىلىق ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى، ۋىيېتنام خەلقىگە يولداش چېن داگۇاڭنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىنتايىن قايغۇلۇق تەزىيەدە بولغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بىز ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن قاتتىق قايغۇردۇق.

  يولداش چېن داگۇاڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى بولۇپ، ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. يولداش چېن داگۇاڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ يېقىن يولدىشى ۋە دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو–ۋىيېتنام ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا كۈچەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولغان.

  ئىشىنىمەنكى، يولداش باش شۇجىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى، ۋىيېتنام خەلقى قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

  يولداش چېن داگۇاڭنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئەڭ سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىمنى يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.