تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى كامبودژا پادىشاھى سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونىلېنى يوقلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر لى جۇڭفا). 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنى كەچتە، جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا بېيجىڭدا دەم ئېلىۋاتقان كامبودژا پادىشاھى سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونىلېنى سەمىمىي يوقلىدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن پادىشاھ سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونىلېنىڭ بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزۈشىگە، تېنىنىڭ ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزاق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو – كامبودژا مۇناسىۋىتى قويۇق، ئالاھىدە، ئۇنىڭغا چوڭقۇر تارىخىي ھېسسىيات سىڭگەن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى شاھىنشاھ سىخانوك بىلەن ئورتاق ئورناتقان ۋە كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلغان جۇڭگو – كامبودژا دوستلۇقى كۈنسايىن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا. پادىشاھ سىخامونى بىلەن ۋالىدىخان مونىلې جۇڭگو – كامبودژا دوستلۇقىنى قەلبىگە پۈكۈپ، جۇڭگو – كامبودژا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا خان جەمەتى بىلەن بولغان ئالاھىدە دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ. 2016 – يىلىدىن ھازىرغىچە، مەن پادىشاھ سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونىلې بىلەن ھەر يىلى خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولغاندەك كۆرۈشۈپ تۇردۇم. مەن پادىشاھ سىخامونى بىلەن جۇڭگو – كامبودژا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدۇق. ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى خۇددى ئۇرۇق – تۇغقانلاردەك دائىم بېرىش – كېلىش قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ كامبودژا ئومۇمىي سايلىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ھەم يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، پادىشاھ سىخامونىنىڭ باشپاناھلىقىدا، باش ۋەزىر خۇن سېن باشچىلىقىدىكى پادىشاھلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كامبودژانىڭ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. كامبودژانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، خەلقىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كامبودژا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كامبودژا تەرەپ بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  سىخامونى بىلەن مونىلې شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەننىڭ دوستلۇق مېھرىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ھەر قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ ۋە پىروفېسسور پېڭ لىيۈەن بىلەن كۆرۈشكەندە، خۇددى ئائىلىمىزدىكىلەرنى كۆرگەندەك يېقىملىق ھېس قىلىمىز. كامبودژا خەلقى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى قەتئىي مەدىتى ۋە قىممەتلىك ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كامبودژا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە تۈرتكە بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2016 – يىلى كامبودژاغا قىلغان تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتى كامبودژا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. كامبودژا – جۇڭگو دوستلۇقى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، كامبودژا – جۇڭگو ھەمكارلىقى ئىنتايىن قويۇقلاشماقتا. كامبودژا خان جەمەتى شاھىنشاھ سىخانوك بەرپا قىلغان جۇڭگوغا قارىتىلغان دوستلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە داۋاملىق ئاكتىپ تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.