تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئايرىم–ئايرىم ھالدا سېربىيە زۇڭتۇڭى، ئېستونىيە زۇڭتۇڭى، لاتۋىيە زۇڭتۇڭى، ساموئا زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر لى جۇڭفا). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو – سېربىيە ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا يۈكسەك ئىشىنىدۇ، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن جۇڭگو – سېربىيە ھەمكارلىقىدا ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىۋاتقانلىقى، جۇڭگو – سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال. جۇڭگو تەرەپ سېربىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە خەلقئارا ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. مەن خۇشال ھالدا، جۇڭگو خېبېي پولات – تۆمۈر گۇرۇھى بىلەن سېربىيە سىمېدېرېۋو پولات زاۋۇتىنىڭ ھەمكارلىق تىجارىتىنىڭ ياخشى يۈرۈشۈپ، سېربىيەدىكى 2 – چوڭ ئېكسپورت كارخانىسىغا ئايلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.

  ۋۇچىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېربىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان مېھىر – مۇھەببىتى چوڭقۇر. سېربىيە جۇڭگونىڭ ياردىمىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ سادىق ھەمراھىغا ئايلىنىپ، ئۆزئارا داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، سېربىيە بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا پولاتتەك دوستلۇق ئورنىتىشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە لىنىيە بويىدىكى خەلقلەرگىمۇ بەخت – سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ. سىمېدېرېۋو پولات زاۋۇتىنىڭ ۋەيران بولۇش گىردابىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ سېربىيەگە ئېلىپ كەلگىنىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بەردى. سېربىيە تەرەپ ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىدۇ ھەم جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئوتتۇرا – شەرقىي ياۋروپا ۋە جۇڭگو ھەمكارلىقى رامكىسىدىكى يېڭى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر لى جۇڭفا). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئېستونىيە زۇڭتۇڭى كاليلېد بىلەن كۆرۈشتى.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشتا، دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، ئېجىل – ئىناق ئۆتۈشى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. جۇڭگولۇقلاردا ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ، دېگەن گەپ بار. دۆلەتلەر مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، ھەممىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئەزاسى، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يۇتۇۋالىدىغان، غالىبلار ھەممىگە ئىگە بولىدىغان ئورمان قائىدىسىنى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك. ئېستونىيە جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېشىل يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد جەھەتتە ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولۇپ، خەلقئارا ئىشلارغا پائال قاتنىشىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ئېستونىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئېستونىيەنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئادىمىيەت ئالاقىسى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قوللاپ، ياۋروپا تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداپ، بىر تەرەپلىمىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. بىز ئېستونىيە تەرەپ بىلەن ئوتتۇرا – شەرقىي ياۋروپا ۋە جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز.

  كاليلېد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئېستونىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى. ئېستونىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ ئېستونىيەگە ئوخشاش كىچىك دۆلەتكە باراۋەر مۇئامىلە قىلغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد – سودا، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا – شەرقىي ياۋروپا بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ئېستونىيە تەرەپ كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ۋە ئەركىن سودىنى قوللاپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم رولىنى تەرىپلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپ ئىشلىرىدا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا قائىدە ۋە خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

  ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر لى جۇڭفا). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن لاتۋىيە زۇڭتۇڭى ۋېجونىس بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو – لاتۋىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ياخشى. لاتۋىيە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرى ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن جۇڭگو تەرەپ بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغان. جۇڭگو تەرەپ لاتۋىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دۇنيادىكى ئىككى چوڭ مۇقىم كۈچ ۋە ئىككى چوڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئېچىۋېتىشنى ساقلاپ، جۇڭگو – ياۋروپا ھەمكارلىقى ئارقىلىق كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بۇ جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى ئومۇملۇق، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا – شەرقىي ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقى جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە پايدىلىق تولۇقلىمىسى، شۇنداقلا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ياۋروپا ئىقتىساد چەمبىرىكىگە سىڭدۈرۈشتىكى مۇھىم قوبۇل قىلغۇچى بەلباغ. جۇڭگو لاتۋىيە بىلەن جۇڭگو – ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئوتتۇرا – شەرقىي ياۋروپا بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  ۋېجونىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لاتۋىيە – جۇڭگو ئىككى تەرەپ ياخشى بولغان سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. لاتۋىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› مۇھىم تەشەببۇسىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، ئوتتۇرا – شەرقىي ياۋروپا بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى لاتۋىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قاراپ، ئىككى تەرەپنى ئۆزئارا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد – سودا، سېلىنما، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لاتۋىيە تەرەپ يەنە ياۋروپا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 18–كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر لى جۇڭفا). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 – ئاينىڭ 18–كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ساموئا زۇڭلىسى تۇيىلائېپا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ تۇيىلائېپانىڭ جۇڭگو – ساموئا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى تەرىپلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ساموئا جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو – ساموئا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، ساموئا تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلغانلىقىنى تەرىپلەيدۇ، ساموئانىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ساموئا ۋە باشقا جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ يوللۇق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ساموئا تەرەپ بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ساموئا قاتارلىق تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ ۋە بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ساموئا تەرەپ ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن يەرشارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىنى پائال ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  تۇيىلائېپا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساموئا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 43 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، دوستانە بولغان قويۇق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇردى. ساموئا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەدىرلەيدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، بۇ مۇھىم رامكا ئىچىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد – سودا، سېلىنما، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ساموئا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تەرىپلەيدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.