شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى. 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، دۇنيا ئاۋامنىڭ ئىلىم – پەن ساپاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پەن – تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. نۆۋەتتە، پۈتۈن يەر شارىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ئىنقىلابى بارلىققا كېلىپ ۋە ئەۋج ئېلىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە. پەن – تېخنىكا كەسىپلىرى ساھەسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىشى، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ـــ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم يول.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ خەلقنىڭ پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرمەكتە. جۇڭگو ئاكتىپ ھالدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىلىم – پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى تەجرىبە، ئۇسۇللاردا ئورتاقلىشىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا، گۈللەنگەن دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئەزىز مېھمانلارنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىلىم – پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىلىم – پەن ئىدىيەسىنى تارقىتىش، ئىلمىي ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلىش توغرىسىدا پائال پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئاۋامنىڭ ئىلىم – پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئىلىم – پەن نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.