تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 7–قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى

خەن جېڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى

9–ئاينىڭ 14–كۈنى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 7–قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

9–ئاينىڭ 14–كۈنى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 7–قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 14–كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ شياۋسۇڭ، لو جېڭگۇاڭ). جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 7–قۇرۇلتىيى 9–ئاينىڭ 14–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى، خەن جېڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  ھەيۋەتلىك خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالى تەنتەنىلىك، شۇنداقلا قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ‹‹جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 7–قۇرۇلتىيى››نىڭ يىغىن بەلگىسى ئېسىلغانىدى، كەينى تەرەپتىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ گېربى ئېسىلغان بولۇپ، كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى، ئون قىپقىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى. 2–قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە ‹‹يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، مېيىپ ئاكا–ئۇكا، ئاچا–سىڭىللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلايلى!›› دېگەن چوڭ لوزۇنكا ئېسىلغانىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 600دىن ئارتۇق ۋەكىل 85 مىليون مېيىپنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يىغىن مەيدانىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  قۇرۇلتاي جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى.

  خەن جېڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن «يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇساپىدە مېيىپلەرگە تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىپ بېرەيلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. خەن جېڭ ئالدى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ مېيىپلەر، مېيىپلەرنىڭ ئۇرۇق–تۇغقان، دوستلىرى ۋە مېيىپلەر خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  خەن جېڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز مېيىپلەر ئىشلىرى تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ۋە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مېيىپلەر ۋە مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر قاتار ئېنىق تەلەپلەرنى قويۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، توغرا قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاجىزلارنى يۆلەش پىرىنسىپال مەيدانىمىزنى چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، مېيىپلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىز دەپ بىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە مېيىپلەرگە تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مېيىپلەر ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەت مېيىپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلىنىشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىلىرى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك، كەڭ مېيىپلەر ئاڭلىق ھالدا شەخسىي غايىسى بىلەن جۇڭگو ئارزۇسىنى زىچ باغلاپ، يېڭى دەۋردە مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1–شۇجىسى خې جۈنكې جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو پەن–تېخنىكا جەمئىيىتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا تەبرىك سۆزى قىلدى. تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىدىيەۋى–سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ، ئامما بىلەن بولغان زىچ ئالاقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۆز ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جاڭ خەيدى جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى 6–نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مېيىپ ئاكا–ئۇكا، ئاچا–سىڭىللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، گۈزەل ھاللىق تۇرمۇشقا بىرلىكتە ئاتلىنايلى›› دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 7–قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.