تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

يىراق شەرق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ گۈزەل يېڭى كەلگۈسىنى يارىتايلى

  4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىدا قىلىنغان تەبرىك سۆز

  (2018 – يىلى 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، ۋىلادىۋوستوك)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  ھۆرمەتلىك پۇتىن زۇڭتۇڭ،

  ھۆرمەتلىك ھەرقايسى دۆلەتتىن كەلگەن كەسىپداشلار،

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار:

  ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتۈپ، ۋىلادىۋوستوكقا يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئالدى بىلەن پۇتىن زۇڭتۇڭنىڭ دوستانە تەكلىپىگە ۋە رۇسىيە تەرەپتىكى دوستلارنىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

  پۇتىن زۇڭتۇڭنىڭ شەخسەن تەشەببۇس قىلىشى بىلەن شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئۈچ نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ھەمكارلىقنى ئورتاق كېڭىشىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى مېھمانلار، دوستلار بىلەن لىق تولۇپ، بەكلا تەنتەنىلىك بولدى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن پۇتىن زۇڭتۇڭ ۋە رۇسىيە تەرەپتىكى دوستلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

  ‹‹شەرق شامىلى باھارنى چىللاپ كېلىدۇ.›› تۈنۈگۈن ئايروپىلاندىن چۈشۈشۈم بىلەنلا، ۋىلادىۋوستوكنىڭ يېپيېڭى قىياپىتى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. زۇمرەتتەك سۇلار مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان، كېمىلەرگە لىق تولغان زولوتوي روگ قولتۇقى، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان رۇسىيە ئارىلى چوڭ كۆۋرۈكىدىن ۋىلادىۋوستوكنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇق.

  ۋىلادىۋوستوك ئېرىشكەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە يىراق شەرق رايونىنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. خۇددى بۇ نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى ـــ ‹‹يىراق شەرق: تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت›› بولغىنىدەك، يىراق شەرق رايونى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ جايغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشى، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

  جۇڭگو ئىزچىل رۇسىيە يىراق شەرق ھەمكارلىقىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت، ھەمكارلىقىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەمكارلىقنىڭ سىياسىي ئاساسى پۇختا. جۇڭگو رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، شەرقىي شىمال قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى، رۇسىيە يىراق شەرقنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ھەمكارلىق سىياسىتى كاپالىتىنى كۈچكە ئىگە قىلدى. ئىككى دۆلەت جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونى ۋە رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ھەم بايقال رايونى ھۆكۈمەت ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى قۇردى، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونى ۋە رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ھەم بايقال رايونى ئوقەتچىلىك كېڭىشىنى تەشكىللەپ قۇردى، جۇڭگو – رۇسىيە يەرلىك رەھبەرلەر سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ھەمكارلىق مېخانىزمى مۇكەممەل ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى.

  ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپنىڭ رۇسىيە يىراق شەرق ھەمكارلىقىغا قاتنىشىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2017 – يىلى، جۇڭگونىڭ رۇسىيە يىراق شەرق فېدېراتسىيە رايونى بىلەن بولغان سودا سوممىسى 7 مىليارد 700 مىليون دوللاردىن ئاشتى. جۇڭگو تەرەپ يىراق شەرق ھالقىما تەرەققىيات رايونى ۋە ئەركىن پورت تۈرىدىن 30 نەچچىگە قاتنىشىپ، 4 مىليارد دوللاردىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى. جۇڭگو رۇسىيە يىراق شەرق رايونىنىڭ سودا ھەمراھلىرى ئىچىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ كېلىش مەنبەسى جەھەتتىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ تۇنجى قارارلىق مەبلەغ 10 مىليارد يۈەن، ئومۇمىي كۆلىمى 100 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى بولغان جۇڭگو – رۇسىيە رايون ھەمكارلىقى تەرەققىيات سېلىنمىسى فوندى تەسىس قىلدى، رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە فوندنى ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنى جۇڭگو – رۇسىيە رايون ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم سۇپىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ. جۇڭگو – رۇسىيە خام نېفىت تۇرۇبىسى، شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى، تۇڭجياڭ تۆمۈريول كۆۋرۈكى، خېيخې تاشيولى كۆۋرۈكى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو – رۇسىيە يىراق شەرق ھەمكارلىقى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى مەن بىلەن پۇتىن زۇڭتۇڭ بېكىتكەن جۇڭگو – رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق – ئالاقە يىلى، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ يىراق شەرق ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى كەڭ دائىرىدە قوزغاپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ تېخنىكا تەركىبى ۋە مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئۈستۈنلۈكلەر ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو – رۇسىيە يىراق شەرق ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

  يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مەن بىر قانچە كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن.

  بىز ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، سىياسىي زومىگەرلىك، بىر تەرەپلىمىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ. شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىدىكى ئالتە دۆلەتنىڭ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %23ىنى ئىگىلەيدۇ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %19ىنى ئىگىلەيدۇ. ئىناق، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئۇ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداش، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ تىنچ تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىناق، دوستانە بولغان ئەتراپ مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ؛ باشتىن – ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە، ئاكتىپ ھالەتتە رايون ھەمكارلىقىغا قاتنىشىدۇ؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىشىش ۋە ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىشكە باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسى، سۆزلىشىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە ئىتتىپاقلىقنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغان تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، شۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشنى خالايدۇ.

  بىز ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئىقتىدارىغا ئىگە، مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى يېتەرلىك، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئۆز ئالدىغا ئەۋزەللىكى بار، ئالاھىدىلىكى روشەن، بىر – بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك. نۆۋەتتە رايون ۋەزىيىتى مۇقىم ياخشىلىنىۋاتىدۇ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا تامامەن ئىقتىدارى ۋە شارائىتى بار.

  بىز تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. مەن پۇتىن زۇڭتۇڭ بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بىلەن ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم دەسلەپكى نەتىجىگە ئېرىشتى. جۇڭگو تەرەپ مۇشۇ ئاساستا ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەشنى خالايدۇ. بىز نۇقتىلىق ھالدا چېگرا ھالقىغان ئۇل ئەسلىھەلەر ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بازار، كاپىتال، تېخنىكا يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق تەقسىملەش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئوچۇق رايون ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ئىقتىساد چەمبىرىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. بىز كىچىك كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقى، ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىقىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو – ياپونىيە – كورېيە، جۇڭگو – رۇسىيە – موڭغۇلىيە قاتارلىق ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىدا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. جۇڭگو تەرەپ رايون مۇقىملىقىغا، تەرەققىياتىغا، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقىدا بىردەك ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسى تۇتىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن باشقا كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقى ۋە ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىقى مۇمكىنچىلىكىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشنى خالايدۇ. بۇ جەھەتتە، جۇڭگو تەرەپ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى، يىپەك يولى فوندىنىڭ تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى قوللاپ، تۈر مەبلىغى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  بىز ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە بىر – بىرىگە يېقىن، مەدەنىيىتى ئۆزئارا سىڭىشكەن، خەلقلىرىنىڭ رىشتى تۇتاش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئۇزاق مۇددەت ئالاقىلىشىش جەريانىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى. ۋىلادىۋوستوك ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزى ئىلگىرى جۇڭگو سىچۈەننىڭ ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونىدىن كەلگەن 900دىن كۆپرەك بالىنى كۈتۈۋېلىپ داۋالىدى، جۇڭگولۇق بالىلار بۇ جايدا ئەتراپلىق غەمخورلۇققا ئېرىشىپ، رۇسىيەگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى شى جۈنفېي ئىسىملىك بىر بالا تىلەك تىلەپ، چوڭ بولغاندا رۇسىيەگە كېلىپ ئوقۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تىلەك سۆزى يېزىلغان قەغەز قاچىلانغان بوتۇلكا دېڭىزدا لەيلەپ نەچچە ئايدىن كېيىن ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ قولىغا تەگكەن. ھازىر ئۇنىڭ ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلىنىپ، يىراق شەرق فېدېراتسىيە داشۆسىدە ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ ھېكايىمۇ شۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ دوستانە باردى – كەلدىسىنىڭ جانلىق مىسالى.

  كەلگۈسىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر ھازىرقى ئاساستا ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ساياھەت، ياشلار، مائارىپ، مەدەنىيەت كەسپى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئورتاق ئىجادىيەت، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى ياش قاتلىمىدىكى خەلقنىڭ ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ، سۇپا ھازىرلىسا بولىدۇ.

  بىز كەلگۈسىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىۋېرسال ماس تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە سەۋىيەسى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز، ھەمكارلىق تۈرلىرى كۆپ، شۇڭا مەۋقەنى رېئاللىققا قويۇپ، كەلگۈسىنى نەزەرگە ئېلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار، بايلىق ۋە مۇھىت، ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ ماس ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر.

  جۇڭگو تەرەپ رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى ماس تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى پائال مۇزاكىرە قىلىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان كەسىپ ئەندىزىسى ھەم تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ، ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان رايون خاراكتېرلىك مۇھىت مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

  جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، رۇسىيە يىراق شەرق ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇشۇ رايوننىڭ كۆپ مەنبەلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق مەنپەئەت تورتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭايتىپ، مۇشۇ رايوندىكى خەلقلەرنى ھەمكارلىق پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ يىراق شەرق ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بەرپا قىلىشىنى خالايدۇ!

  كۆپچىلىككە رەھمەت.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىلادىۋوستوك، 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.