تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىلادىۋوستوك، 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار مېڭ نا، جياڭ گوپېڭ). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ۋىلادىۋوستوكتا موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن – ئاخىر جۇڭگو – موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېقىن، سەمىمىي، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ دەپ بىلىش فاڭجېنى بويىچە موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز راۋاجلاندۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات توغرا يۆنىلىشىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە ھۆرمەت قىلىپ، بىر – بىرىگە بولغان ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ ئۆزى تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بىلەن ‹‹تەرەققىيات يولى››نى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا داۋاملىق زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، چوڭ تۈرلەرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ۋە يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى قوشنا رايونلارنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى پائال قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىلىنىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە موڭغۇلىيەنىڭ چارۋىچىلىق ۋە پىششىقلاش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللايدۇ، موڭغۇلىيەدىن تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون ھەمكارلىقىنى ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  باتتۇلگا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بولغان مۇقىم دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش موڭغۇلىيەنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنى. موڭغۇلىيە تەرەپ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى ئاساسىدا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تەيۋەن، شىزاڭ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سودا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، موڭغۇلىيە – جۇڭگو – رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.