تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 20–نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى. 20-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نوپۇزلۇق ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىش يۈزلىنىشىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سۇپىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە خەلقئارا مەبلەغ سېلىش كاتتا يەرمەنكىسىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال تۆھپە قوشتى.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن چوڭ دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ، مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باش تېما قىلىپ، تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، خەلقئارالاشقان، كەسىپلەشكەن، كۇرسلاشقان ئېسىل مەھسۇلات يارىتىپ، يەرمەنكىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم سۇپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىگە، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا پائال رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.