جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
(2018 – يىلى 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، بېيجىڭ)
ھۆرمەتلىك زۇڭتۇڭ رامافۇسا، ھۆرمەتلىك زۇڭتۇڭ سال، مۇخبىر دوستلار، خانىملار، ئەپەندىلەر:
چۈشتىن كېيىنلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن! كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.
ئالدى بىلەن، خۇشال ھالدا شۇنداق جاكارلايمەنكى، 2018 – يىللىق جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى بايىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلدى!
ئىككى كۈندىن بۇيان، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ئەزا تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، ‹‹ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش›› باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، 2015 – يىللىق مۇنبەرنىڭ جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئەسلەپ ئۆتتۇق، جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى پىلانلىدۇق، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتۇق. يىغىندا ‹‹تېخىمۇ زىچ جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى›› ئېلان قىلىندى، جۇڭگو – ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملەندى، دۇنياغا جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنال تارقىتىلدى. يىغىندا ‹‹جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ــــ بېيجىڭ ھەرىكەت پىلانى›› ماقۇللاندى، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ‹‹سەككىز چوڭ ھەرىكەت››نى يولغا قويۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدىغانلىقى بېكىتىلدى.
بىز بىردەك مۇنداق قارىدۇق: ھازىرقى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەقدىرى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق زىچ باغلانغان ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا دۇچ كەلگەن مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت نۇرغۇن ئورتاق خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. بىز قول تۇتۇشۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، بەختتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، مەدەنىيەتنى ئورتاق گۈللەندۈرىدىغان، خەۋپسىزلىكنى ئورتاق يارىتىدىغان، ئىناق ئۆتۈپ ئورتاق ياشايدىغان جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى زورايتىپ، بىز ياشاۋاتقان دۇنيانى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، گۈزەللەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن دەۋر ئۈلگىسى يارىتىشنى خالايمىز.
بىز بىردەك مۇنداق قارىدۇق: جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتى ۋاقىتنىڭ سىنىقى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، خاسلىقى روشەن بولغان ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا مېڭىپ، تارىخنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو – ئافرىقا ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە سىياسەت جەھەتتە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەم ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹2063 – يىل قارالمىسى››، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 – يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ساغلاملىق – ساقلىقنى ساقلاش، ئادىمىيەت ئالاقىسى، تىنچلىق – خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ‹‹سەككىز چوڭ ھەرىكەت››نى نۇقتىلىق ياخشى يولغا قويۇپ، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
بىز بىردەك مۇنداق قارىدۇق: جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇيۇشۇش كۈچى، ھاياتىي كۈچ، ئىجادىيەت كۈچى نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشىنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئافرىقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن چوڭ قۇرۇقلۇق. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا قەتئىي بوشاشماي ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش يولىدا ھەمراھ بولۇپ ئىلگىرىلەيدۇ. جۇڭگو ھەقىقىي، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىيەت – مەنپەئەت قارىشىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، ئافرىقا بىلەن بىللە، جۇڭگو – ئافرىقا دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىدىن كۈچ ئېلىپ، جۇڭگو – ئافرىقا ئەمەلىي ھەمكارلىقى كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، جۇڭگو – ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، مۇستەھكەملىنىشى، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
بىز بىردەك مۇنداق قارىدۇق: تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئافرىقىنىڭ تېگىشلىك ھوقۇقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقى تىرىشىشى كېرەك، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقى خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ بىر قىسمى، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا ئىزچىل چىڭ تۇردى. بىز خەلقئارا ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئافرىقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئافرىقىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئافرىقىنىڭ تەشەببۇسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئافرىقىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.
يىغىن بەلگىلەنگەن كۈنتەرتىپنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، جۇڭگو – ئافرىقا رەھبەرلىرى بارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئورتاق سادا تارقاتتى. بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، زور نەتىجىلەر يارىتىلدى، جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسى ئېچىلىپ، جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋر ئابىدىسى تىكلەندى.
جۇڭگو – ئافرىقا دوستانە چوڭ ئائىلىسىنىڭ جەم بولۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو – ئافرىقا رەھبەرلىرى بۇ بىر نەچچە كۈندە زىچ ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى، بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى ياكى پات ئارىدا زىيارەتتە بولىدۇ. مەن بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ۋە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن بارلىق ئافرىقا تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم.
جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 18 يىل بولدى. مۇنبەر دەۋر ئېقىمىغا ئەگىشىپ ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىغا ئەگىشىپ گۈللىنىپ، ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ۋە جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقىدىكى بايراققا ئايلاندى. بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى تارىخىي مۇساپىنى باشلىشىغا تۈرتكە بولدى. بىز بىرلىكتە جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى پۇختا، كۈچلۈك قىلىپ، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگو – ئافرىقا خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.
خانىملار، ئەپەندىلەر!
بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلىشىش پەيتىدە، مەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلار جاپادىن قورقماي، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، تەجرىبە ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى بېغىشلىغاچقا، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
مەن زۇڭتۇڭ رامافۇسانىڭ ئىككى كۈندىن بۇيان مەن بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مۇنبەرنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولغان مەزگىلدە ئىشلىگەن قالتىس خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. سېنېگالنىڭ مۇنبەرنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، زۇڭتۇڭ سالنىڭ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن قىزغىنلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.
جۇڭگو بىلەن ئافرىقىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن كەلگەن سودا – سانائەت، مەدەنىيەت، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەدىكى دوستلارنىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا پائال قاتناشقانلىقى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. تاراتقۇ ساھەسىدىكى دوستلارغا رەھمەت، سىلەر دۇنياغا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەھۋالى ۋە نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ۋاقتىدا يەتكۈزدۈڭلار. سىلەرنىڭ جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئورتاق تىرىشىشىمىز، جۇڭگو ۋە ئافرىقىدىكى 2 مىليارد 600 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ پائال قوللىشى ئاستىدا، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ ئىشىمىز چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!
كۆپچىلىككە رەھمەت.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى)