تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خاسلىقى روشەن بولغان ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا مېڭىش

  ـــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت سۆزى توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  كۆڭۈل يېقىن بولسا ئارىلىق يىراق بىلىنمەيدۇ، جاھاننىڭ ئىككى چېتىدىكىلەرمۇ يېقىن قوشنىلاردەك ئۆتەلەيدۇ. جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 18 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو – ئافرىقا دوستلۇق چوڭ ئائىلىسىدىكى كونا – يېڭى دوستلار گۈزەل بېيجىڭغا جەم بولۇپ، ‹‹ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش››تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، بىرلىكتە كاتتا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، بىرلىكتە ھەمكارلىقنى كېڭىشىپ، بىرلىكتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، جۇڭگو – ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

   ‹‹ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى چەكسىز، ئافرىقىنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدكە تولغان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستانە ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى زور ئىستىقبالغا ئىگە!››. رەئىس شى جىنپىڭ 2018 – يىللىق جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ خاسلىقى روشەن بولغان ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا ماڭغانلىقىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزى يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارنىڭ كەڭ ئورتاق ئىنكاسىنى قوزغىدى ۋە يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  دەرەخ قانچە چوڭقۇر يىلتىز تارتسا، شۇنچە باراقسان، مېۋىلىك بولىدۇ، چىراغنىڭ يېغى قانچە يېتەرلىك بولسا، شۇنچە يورۇيدۇ. تارىخنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە لوگىكىسى بار. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو – ئافرىقا ئىككى تەرەپ ئوخشىشىپ كېتىدىغان سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئورتاق بۇرچى ئاساسىدا بىر قەلب، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ قوغداندى، ئىلگىرى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان ياخشى قېرىنداشلار ھازىر ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلارغا ئايلاندى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ھەقىقىي، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىيەت – مەنپەئەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى مەقسەت قىلغان ‹‹ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى››نى تۈزۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز ئاپتوموبىلى، قولاي ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇشىنى قوللاپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياراتتى. بۈگۈن، ‹‹ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى›› مول مېۋە بېرىپ، جۇڭگو – ئافرىقا خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۈزدى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا بىر – بىرىگە زىچ باغلانغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى.

  ماڭغان يولۇڭ توغرا بولسا مەنزىل يىراق بىلىنمەس. بۈگۈن، تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن مېڭىپ يارىتىلغان جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولى كۈنسېرى يېڭىلانماقتا، تېخىمۇ كېڭەيمەكتە. ‹‹جۇڭگو ھەمكارلىشىش جەريانىدا سەمىمىي دوستانە بولۇش، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇردى، ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ھەققانىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇردى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەممىنى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇردى››. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت تۈرلۈك ‹‹جۇڭگو تەشەببۇسى›› جۇڭگو – ئافرىقا خەلقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەقدىرداش بولۇش، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ۋەدىگە ۋاپا قىلىدىغان، دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان، ھەققانىيەتنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان، ئەخلاقنى ياقلايدىغان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى جانلىق نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ مەڭگۈ ئافرىقىنىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى قېرىندىشى بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوللاش قەتئىي ئىرادىسىنى كۈچلۈك تارقاتتى.

  21 – ئەسىر ئاسىياغا مەنسۇپ، شۇنداقلا ئافرىقىغا مەنسۇپ. 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپ جۇڭگو خەلقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلماقتا، 1 مىليارد 200 مىليوندىن كۆپ ئافرىقا خەلقىمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مىللىي گۈللىنىشكە ئىنتىلمەكتە، جۇڭگو ئافرىقىغا موھتاج، ئافرىقىمۇ جۇڭگوغا موھتاج. ‹‹ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئارىلاشماسلىق، ئافرىقىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭماسلىق، ئافرىقىغا ياردەم بېرىشتە ھېچقانداق قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويماسلىق، ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە سىياسىي خۇسۇسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەسلىك››. جۇڭگو بۇ ‹‹بەشنى قىلماسلىق››تا چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقا خەلقى بىلەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، تەڭ كۈچەپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەشنى خالايدۇ. ھەرقانداق كىشى جۇڭگو – ئافرىقا خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ، ھەرقانداق كىشى جۇڭگو – ئافرىقا خەلقىنىڭ گۈللىنىش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ، ھەرقانداق كىشى تەسەۋۋۇر ۋە سۇبيېكتىپ پەرەز ئارقىلىق جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلالمايدۇ، ھەرقانداق كىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ئىجابىي ھەرىكىتىنى توسۇيالمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كاشىلا قىلالمايدۇ.

  2018 – يىللىق جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن چوڭ قۇرۇقلۇق مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يەنە ئاتلاندى. بۇ، خاسلىقى روشەن بولغان ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر تېمىسىنى ئورتاق شەرھلەپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن ئافرىقا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئافرىقا ئارزۇسى چوقۇم پات ئارىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.