تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئانناننىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8–ئاينىڭ 20–كۈنى تېلېگراممىسى. 8–ئاينىڭ 20–كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئانناننىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېسقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ ئانناننىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئانناننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاننان ئەپەندى جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى ئىدى، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيگەن. ئاننان ئەپەندى دۇنيادا شۆھرەت قازانغان خەلقئارالىق پائالىيەتچى بولۇپ، باشتىن–ئاخىر كۆپ تەرەپلىمىلىكنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان. ئاننان ئەپەندى ئافرىقا خەلقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى. ئۇ ئافرىقىلىق، ئافرىقىنى قەلبىگە پۈككەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقىغا دىققىتىنى ئاغدۇرۇشى ۋە سېلىنمىنى ئاشۇرۇشىغا ئىزچىل تۈرتكە بولغان.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئاننان ئەپەندى پائال تەشەببۇس قىلغان كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالاھىدە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تۆھپىسىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ياد ئېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.