تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

 چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

   سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

  8–ئاينىڭ 17–كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8–ئاينىڭ 17–كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–، 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى باش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، لى شۆجۈن، جاڭ بو، دۇ ۋەنگۈي، چيۇ شۇخۇا قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىگىلەپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەمەلىي نەتىجە، نەزەرىيە نەتىجىسىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى، نىشانى، زور ۋەزىپىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، يېڭى دەۋردە ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى يەنە بىر قېتىم ياڭراتتى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، قەلبكە، كاللىغا سىڭدۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما–تەلەپلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشنى كۆزلەپ، پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ سۈپىتى، پارتىيە ئىچىدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ سۈپىتى، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشنىڭ سۈپىتى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سۈپىتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ سۈپىتى، پارتىيەنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى، دۇنيادىكى ماركسىزملىق پارتىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا جۇڭگو ئەقىل–پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى ھەقىقىي ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، توغرا يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، خالىس تۆھپە قوشىدىغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ توپلاپ، ئەخلاقلىق ھەم ئىختىساسلىق بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، بايرىقى روشەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باشتىن–ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، يادرونى قوغداش، يادروغا بويسۇنۇش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق ئورتاق غايىدە، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىدا تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، غايە–ئېتىقادنى، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىش كېرەك؛ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، باشتىن–ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇش كېرەك؛ ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ھەممىنى بەلگىلەيدىغان نوپۇزىنى قوغداپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى راۋانلىقىغا، ئىجرا قىلىنىشىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق تەرتىپكە سېلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى جەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگىچە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ قەيسەر جەڭگىۋار قورغىنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئۆلچەمنى، تەرتىپنى چىڭىتىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن، ھەر يىلى بەلگىلىك ساندىكى يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ساپا يېتىلدۈرۈش سىستېمىسى، ئىشنى، ئادەمنى بىلىش سىستېمىسى، تاللاپ ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش سىستېمىسى، قاتتىق باشقۇرۇش سىستېمىسى، توغرا يۆنىلىشتە رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى توغرا بەلگىلەپ، باشقۇرۇشنى، تەلەپنى چىڭىتىش بىلەن بىللە، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ تۆھپە قوشقان پارتىيەلىك كادىرلارنى سىياسىيدا رىغبەتلەندۈرۈپ، خىزمەتتە قوللاپ، تەمىناتتا كاپالەتلەندۈرۈپ، روھىي جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، ئەقلىي تىرەكنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تىكلەپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى باشتىن–ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بارلىق ئىختىساسلىقلارنى ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىشكە، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور قۇرۇلۇشلارنى ۋاسىتە قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ۋە يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، تىرىشىپ ياخشى شارائىت ھازىرلاپ، كەسىپ ئارقىلىق ئادەمنى تۇتۇپ قېلىپ، ھېسسىيات ئارقىلىق ئادەمنى تۇتۇپ قېلىپ، مۇلازىمەت ئارقىلىق ئادەمنى تۇتۇپ قېلىپ، مۇۋاپىق تەمىنات ئارقىلىق ئادەمنى تۇتۇپ قېلىپ، ۋەتەننى سۆيۈپ تۆھپە قوشۇشقا قەتئىي ئىرادە باغلىغان، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. يەتتىنچى، 100 يىللىق بۈيۈك پىلاننى كۆزلەپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بايقاش، يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەستايىدىل، ئىنچىكە بولۇش، يىراق كەلگۈسىنى پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى مۇقىم تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن سىرت، تېخىمۇ مۇھىمى ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىزباسارلىرىنىڭ بولۇشىنى كۆزلەش كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇپ، ئىز قوغلاپ تەربىيەلەپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنىڭ سىياسىيدا قەتئىي، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشى، ‹‹ئىككىنى قوغداش››نى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىقتىداردا كۈچلۈك بولۇپ، ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەرلىك ئىقتىدار ھازىرلاش كېرەك؛ ئادىمىيلىكتە سەمىمىي بولۇپ، سەمىمىي ئادەم بولۇش، راست سۆزلەش، ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ھاياتلىق مىزانى قىلىش كېرەك؛ سۈپەتتە ئەلا بولۇپ، كەسىپتە كۈچلۈك ئۇنىۋېرسال رەھبىرىي كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تەربىيەلەش ئىستىقبالى بار مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ھەر خىل ئۇسۇلدا دادىل ئىشلىتىش كېرەك. سىستېمىلىق تەپەككۇر ۋە ئومۇمىيەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ياش كادىرلار خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپىلار) پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسلىق رولنى ياخشى ئېلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە، جايىدا تۇتۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەخسەن ئۆزى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى ‹‹بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت›› تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، باش بولۇپ ئومۇمىي خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، ماسلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ ھەر قايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، تەشكىلىي تۇرمۇشنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇقىملىق–تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق كونكرېت خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئادىللىقنى ياقلايدىغان، كەسىپتە پىشقان، ئىستىلى ياخشى مۇنەۋۋەر تارماق بەرپا قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قوشۇن قۇرۇشى، ئەلا نەتىجە يارىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە تۈرلۈك تاراتقۇلار تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەشكە ئىنتىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  لى پېڭشىن خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما–تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ئورنى، رولى، نىشانى، ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتى، بۇرچى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزىسى، ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى، نۇقتىلىق تەدبىرى، تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى ئىگىلەپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تەپەككۇر يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، تەدبىر بېكىتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆزلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەشكىلات كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى يىغىندا سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق بەش پارتكوم (خىزمەت كومىتېتى) يازمىچە تەجرىبە ئالماشتۇردى.

  يىغىن تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونغا (مەركەزگە) بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.