تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تۇنجى «جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى» توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

 شى جىنپىڭ تۇنجى «جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى» توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

 ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8–ئاينىڭ 17–كۈنى تېلېگراممىسى. تۇنجى ‹‹جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى›› يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇزاقتىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى بارلىق تېببىي خادىملار پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، چەكسىز مۇھەببىتىنى ئايىمايدىغان روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جان–دىل بىلەن خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–داۋالاش، تېببىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، تېببىي پەن–تېخنىكا تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى ھەم مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، زور بىر تۈركۈم داڭلىق تېببىي خادىملار ۋە خەلقنىڭ ياخشى دوختۇرلىرى مەيدانغا كەلدى. بولۇپمۇ زور يۇقۇملۇق كېسەل تەھدىتى ئالدىدا، زور تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا، بارلىق تېببىي خادىملار خەۋپ–خەتەردىن قورقماي، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ئالقىشىغا ئېرىشتى. ھەر يىلى 8–ئاينىڭ 19–كۈنىنى ‹‹جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى›› قىلىپ بېكىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەھىيە–ساغلاملىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، بارلىق تېببىي خادىملارنىڭ ئەلا نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، تېببىي خادىملارنى ھۆرمەتلەپ، سەھىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. بارلىق تېببىي خادىملارنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جان–دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە–ساغلاملىق ئىشلىرىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  8–ئاينىڭ 17–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى سەھىيە–ساغلاملىق خىزمەتچىلىرىگە يوللىغان بايراملىق تىلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، 1–سەپتىكى تېببىي خادىملارنى يوقلىدى، ھال سورىدى ھەم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى››نىڭ تەسىس قىلىنىشى پارتىيە ۋە خەلق تېببىي خادىملارغا بەرگەن ئالاھىدە شان–شەرەپ، كۆپچىلىكنىڭ بۇنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دوختۇرلۇق ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈپ، مېھرىبانلىق بىلەن دوختۇرلۇق قىلىپ، ئەلا مۇلازىمەت بىلەن خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت–سائادىتىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەپ، قىممىتىنى نامايان قىلدۇرۇشى كېرەك.

  بەش تېببىي خادىم ۋەكىلى سۆھبەتتە سۆز قىلدى. دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، بېيجىڭ شەھىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدىكى ۋەكىللەر سۆھبەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.