تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىرادىنى چىڭىتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەش كېرەك

   شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 7–قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىرادىنى چىڭىتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەش كېرەك

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش توغرىسىدا 7 – قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى، شۇنداقلا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئىرادىنى چىڭىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، پائال، پۇختا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يوچۇق قويماي، كەم – كوتسىز ئىشلەپ، ئۆزگەرتىۋەتمەي، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىش كېرەك.

   مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشى ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بارلىق كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ بارلىق ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى ۋە زاپاس خادىملارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

   ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ شياۋخۇا بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەم پىكىر – تەكلىپلەر ئۈستىدە توختالدى.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

   شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بۈگۈنكى كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنىڭ مەزمۇنى ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش، مۇشۇنداق بىر قېتىملىق ئۆگىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتى ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈندۇر.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيەنىڭ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. بۇ خىزمەتنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، قىسىمنىڭ دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش ئاساسىي ئىشىغا مەركەزلەشتۈرۈشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۈچلۈك قوغدىدى. ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشنىڭ سىياسىي ئېففېكتى، ھەربىي ئىشلار ئېففېكتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئېففېكتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش قىسىمنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇش، ئارمىيەمىزنىڭ خاراكتېرى ۋە خىسلىتىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بېكىتىلگەن ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن 2018–يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش كېرەك. ھازىر ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، بىراق ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل ھەم ئېغىر. ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىلگىرىلەپ، جاپاغا چىداپ ئىلگىرىلەپ، ئىشنى چىرايلىق باشلاپ، چىرايلىق ئاياغلاشتۇرۇپ، ماھىرلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ پۈتتۈرۈپ، بېكىتكەن نىشانىمىزغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشىمىز كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەر ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قەتئىي بوشاشماي ئاخىرغىچە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. تەشۋىق–تەربىيەنى ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىكنى ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ئىدىيەنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە مۈلكىنى مەركەزلىك بىرتۇتاش باشقۇرۇش، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ مۈلۈك ئالماشتۇرۇش يولىنى ئېچىش، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ھەربىي–خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بايلىقنى سەرخىللاشتۇرۇپ بىرلەشتۈرۈشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ ئومۇملۇق قارىشىنى كۈچەيتىپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتى نۇرغۇن مۇرەككەپ ئامىلغا چېتىلىدۇ، سىياسىيۋىلىكى، سىياسەتچانلىقى، سەزگۈرلۈكى كۈچلۈك، خىزمەتنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشقا، ئارمىيە بىلەن جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئىككى ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسەت–بەلگىلىمىلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاساسلىنىدىغان قائىدە – نىزام بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئارمىيەنىڭ يوللۇق ھوقۇق–مەنپەئىتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك. چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بايقالغان مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئاخىرغىچە تەكشۈرۈپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەم ۋە ئىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، قەتئىي يول قويماسلىق، بولدى قىلىۋەتمەسلىك كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئارمىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە تارماقلار مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ۋەزىپە تەلىپىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.