تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  چېن چۈەنگو ‹‹1–ئاۋغۇست››نى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىنقىلابىي ئەنئەنە باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

  شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى

‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى ليۇ ۋەنلۇڭ، سىياسىي كومىسسارى لى ۋېي قاتارلىق رەھبەرلەر شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىغا بېرىپ، ‹‹1 – ئاۋغۇست››نى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىنقىلابىي ئەنئەنە باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىگە قاتناشتى.              

  مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىغا بېرىپ، ‹‹1 – ئاۋغۇست››نى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىنقىلابىي ئەنئەنە باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى كوماندىر – جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكىدىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملار، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شانلىق تارىخنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشكە قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى ليۇ ۋەنلۇڭ، سىياسىي كومىسسارى لى ۋېي بىرلىكتە پائالىيەتكە قاتناشتى.

  قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ تارىخ سارىيى ئىچىدىكى ھەر بىر پارچە رەسىم، ھەر بىر بۇيۇم، ھەر بىر كۆرۈنۈش ليۇ جىدەن، شيې زىچاڭ، شى جۇڭشۈن قاتارلىق پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى بەرپا قىلغان قىزىل ئارمىيە قىسىمىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىنى، ۋارىسلىق قىلغان قىزىل گېننى، ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن پارلاق نەتىجىلىرىنى، قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇراتتى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار پات – پات قەدىمىنى توختىتىپ، تەپسىلىي كۆردى، خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ھەربىي رايونى قىزىل ئارمىيە شىسى پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى قۇرغان قەھرىمان قىسىم، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جەنۇبتىن شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشى قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇپ، چېگرانى ساقلاپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەپ، چۆلدە يىلتىز تارتىپ، چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، شى روھىغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە شەرھلەپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ساداقەتمەنلىكنىڭ ئابىدىسىنى تىكلىدى. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق بارلىق ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىزىل ئارمىيە شىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېننى قان تومۇرىغا سىڭدۈرۈپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، يادرونى قوغداپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سىياسىي ئارقىلىق ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ۋە ھەربىي تەلىم – تەربىيەنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، چاقىرغان ھامان ھازىر بولىدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇننى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ھازىرقى قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ گازارمىسىدا ھەر بىر تال خىش – كاھىش، ھەر بىر تال گىياھقا قىزىل ئەسلىمە سىڭگەن بولۇپ، قىزىل ھېكايىنى بايان قىلىپ تۇراتتى. گازارمىدىكى 100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر كارىدورغا ‹‹رەئىس ھېكايە باغچىسى›› دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، بۇ جاي كەڭ كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئۆگىنىش باغچىسى، ئۇ يەنە كەڭ كوماندىر – جەڭچىلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىدىغان، ئۆزلەشتۈرىدىغان جانلىق دەرسخانىغا ئايلانغان. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار ‹‹ھېكايە باغچىسى››غا كىرىپ، تولۇپ تاشقان ھۆرمەت ھېسسىياتى، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئويلىنىش ئارقىلىق، ھەر بىر تەسىرلىك ھېكايىنى، ھەر بىر مۇپەسسەل باياننى چوڭقۇر ھېس قىلدى. چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەلىمى ۋە تاپشۇرۇقىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، قەلب ۋە روھنى مۇجەسسەملەش ئاڭلىقلىقىمىز ۋە قەتئىيلىكىمىزنى كۈچەيتىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا بىردەك ئەگىشىپ، باش قومانداننىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا قىزىل ئارمىيە شىسىغا بېرىپ ئىنقىلابىي ئەنئەنە باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى ئەسلەش، شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، روھىي خىسلىتىدىن ئۆگىنىش، شۇ ئارقىلىق ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈش ئۈچۈندۇر. ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتا، پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەستە قولغا كەلگەن تىنچ مۇھىت ۋە بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن شىنجاڭنى ياخشى قوغداپ، مۇقىم قىلىپ، راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتا، پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادىنى مەڭگۈ ئۆگىنىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقى ۋە بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك. ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتا، پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئالىيجاناب خىسلىتىنى مەڭگۈ ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. باشتىن – ئاخىر توغرا كەيپىياتنى پۈتۈن ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈش، پاك – دىيانەتلىك بولۇش، سادىق، پاكىز، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتى ۋە سىياسىي مىزانىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتا، پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ‹‹بىر تاختا شاھمات›› دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئارمىيە خەلقنى سۆيىدىغان، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان، ھەربىيلەر بىلەن خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولىدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلۈش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قوللاش، دۆلەت مۇداپىئەسىگە قاتنىشىشتەك قويۇق كەيپىياتنى يارىتىپ، ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان، ئۇيۇل تاشتەك چىڭ ئارمىيە – ھۆكۈمەت، ھەربىيلەر – خەلق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىشىمىز، راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.