تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ماۋرىتىئۇس زۇڭلىسى جاگنات بىلەن كۆرۈشتى

 

    7–ئاينىڭ 28–كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ماۋرىتىئۇستا ماۋرىتىئۇس زۇڭلىسى جاگنات بىلەن كۆرۈشتى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لۇئىس پورتى، 7–ئاينىڭ 28–كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار چېن جى، خو شياۋگۇاڭ). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7–ئاينىڭ 28–كۈنى ماۋرىتىئۇستا ماۋرىتىئۇس زۇڭلىسى جاگنات بىلەن كۆرۈشتى.

   شى جىنپىڭ ماۋرىتىئۇس مۇستەقىل بولغان 50 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئىجابىي باھا بەردى، ماۋرىتىئۇسنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتتە ئىزچىل چىڭ تۇرغانلىقىنى تەرىپلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو–ماۋرىتىئۇس ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، ھېسسىياتى يېقىن. جۇڭگو بىلەن ماۋرىتىئۇس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 46 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. جۇڭگو ماۋرىتىئۇس بىلەن باشتىن–ئاخىر ياخشى دوست ۋە ياخشى ھەمراھ بولۇپ، جۇڭگو–ماۋرىتىئۇس دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ماۋرىتىئۇس تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بولۇپ، تەرەققىيات جەريانى ۋە تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھازىر جۇڭگو–ماۋرىتىئۇس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كەلدى. بىز يۇقىرى قاتلامنىڭ بېرىش–كېلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، يەرلىك قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، بىر–بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىشىمىز ۋە قوللىشىمىز كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو–ماۋرىتىئۇس ئەركىن سودا كېلىشىمىنى بالدۇرراق پۈتۈشۈپ، ماۋرىتىئۇسنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىشتىكى ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەڭ ساھەلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو ماۋرىتىئۇس بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى جەنۇب–جەنۇب ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى. خەلقئارا ۋەزىيەت مەيلى قانداق ئۆزگەرسۇن، جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا يەتسۇن، جۇڭگو باشتىن–ئاخىر ئافرىقا دۆلەتلىرى قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، مەڭگۈ ئافرىقىنىڭ سەمىمىي دوستى ۋە ئىشەنچلىك ھەمراھى بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىككى تەرەپ 9–ئايدا جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق. مەن شۇ چاغدا زۇڭلى ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا تەرەپ باشلىقلىرى بىلەن يېڭى دەۋر جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ كاتتا پىلانى توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

   جاگنات رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ ماۋرىتىئۇسقا كەلگەنلىكىنى ھەم تارىخىي خاراكتېرلىك دوستانە زىيارەتتە بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن قارشى ئالدى. جاگنات مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ماۋرىتىئۇس بىلەن جۇڭگونىڭ تارىخىي ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى ئاساسىدىكى دوستلۇقى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا قويۇق ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان ياخشى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇردى. ماۋرىتىئۇس جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان زور كۈچ بىلەن مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىگە يۈكسەك دىققەت قىلىپ، جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇسىغا ئاكتىپ باھا بېرىدۇ. ماۋرىتىئۇس داۋاملىق بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى قارشى ئېلىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. مەن جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان ئافرىقا–جۇڭگو ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. 

   دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.