تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو بىلەن رىۋاندانىڭ دوستلۇق مېھرى ناھايىتى چوڭقۇر

شى جىنپىڭ رىۋاندا تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7–ئاينىڭ 21–كۈنى تېلېگراممىسى. 7–ئاينىڭ 21–كۈنى، رىۋاندا جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىۋاندادا چىقىدىغان ‹‹يېڭى دەۋر گېزىتى››دە ‹‹جۇڭگو بىلەن رىۋاندانىڭ دوستلۇق مېھرى ناھايىتى چوڭقۇر›› سەرلەۋھىلىك ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

   جۇڭگو بىلەن رىۋاندانىڭ دوستلۇق مېھرى ناھايىتى چوڭقۇر

   جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

   پائۇل كاگامى زۇڭتۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەن 7–ئاينىڭ 22–كۈنىدىن 23–كۈنىگىچە رىۋاندادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ مېنىڭ ئەزىز دۆلىتىڭلاردا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشۇم، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىنىڭ رىۋانداغا تۇنجى قېتىم زىيارەتكە بېرىشى، مەن بۇ قېتىمقى سەپىرىمدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتىمەن.

   رىۋاندانىڭ ‹‹مىڭ تۆپىلىك دۆلەت›› دېگەن گۈزەل نامى بار. بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، تۆت پەسلى خۇددى باھاردەك، بايلىقى مول، بۇ جايدىكى خەلق ئەمگەكچان، باتۇر، بوشاشماي ئالغا باسىدىغان خەلق، بۇ جاي ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە زېمىن.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كاگامى زۇڭتۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، رىۋاندا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى غەيرەتكە كېلىپ ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. ھازىر، رىۋاندادا سىياسىي ئىشلار راۋان، خەلق خاتىرجەم ۋە باياشات، تاشلىنىپ قالغان ئىشلار قايتا يولغا قويۇلدى، جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولدى، ئىقتىساد سىجىل، تېز سۈرئەتتە ئاشتى، خەلقئارا ۋە رايوندىكى تەسىرى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئافرىقا ھەتتا دۇنيادىكى يۈكسىلىش، گۈللىنىش ئېغىر ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلگەن دۆلەتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال، رىۋاندانىڭ يۈكسىلىش، گۈللىنىش يولىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىگە چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.

   ‹‹كۆڭۈل يېقىن بولسىلا، ئارىلىق يىراق بىلىنمەس››. جۇڭگو بىلەن رىۋاندانىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ چوڭ–كىچىكلىكى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدا چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇق بار. جۇڭگو بىلەن رىۋاندا تارىختا ئوخشاشلا ئېغىر بەختسىزلىككە ئۇچرىغان، شۇڭا ھەر ئىككىلا دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى دۆلەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىقتىساد يۈكسەلگەن ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ، قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پەخىرلىنىدۇ.

    1971–يىلى جۇڭگو رىۋاندا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. 47 يىل مابەينىدە، ئىككى تەرەپ سەمىمىي دوستلۇق، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى، جۇڭگو بىلەن رىۋاندا خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى. ئىككى دۆلەت خەلقى ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، جۇڭگو–رىۋاندا دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو–رىۋاندا مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى مول بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى. جۇڭگو رىۋاندانىڭ 1–چوڭ سودا ھەمراھىغا ۋە 1–چوڭ قۇرۇلۇش ھۆددە ئالغۇچىسىغا ئايلاندى. بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، جۇڭگو ياردەم بېرىپ سېلىپ بەرگەن ئاماخورو دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا نۇرغۇن ئېسىل مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، رىۋاندا خەلقىنىڭ ئىستىراھەت–كۆڭۈل ئېچىشىدىكى مۇھىم سورۇنىغا ئايلاندى. مۇسانزې كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى رىۋاندانىڭ شىمالىي ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزىگە ئايلاندى. پات ئارىدا يولغا قويۇلىدىغان 200 كۆزقۇدۇق قېزىش تۈرى 110 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئىچىدىغان سۇ قىيىنچىلىقىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ. جۇڭگو كارخانىچىلىرى كاگامى زۇڭتۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹رىۋاندا ياسىغان›› تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە پائال ئاۋاز قوشۇپ قۇرغان كىيىم–كېچەك شىركىتى رىۋاندانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ياسىمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. جۇڭگو شىركىتى ياسىغان تاشيول رىۋاندا دۆلەت تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسىنىڭ %70ىنى ئىگىلەپ، ھەممىگە تونۇشلۇق چولپان كارخانىغا ئايلاندى.

   ‹‹دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق››. جۇڭگو بىلەن رىۋاندانىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، بارغانسېرى كۆپ رىۋاندا پۇقرالىرى جۇڭگو ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ قىزىقىشقا باشلىدى. ھەر يىلى نەچچە يۈز مۇنەۋۋەر رىۋاندالىق ئوقۇغۇچى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، جۇڭگوغا بېرىپ ئوقۇۋاتىدۇ. رىۋاندا داشۆسىنىڭ كۇڭزى شۆيۈەنىگە تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇغۇچى 5000 غا يېقىنلاشتى، رىۋاندا چامباشچىلىق جەمئىيىتىدە  2000 دىن كۆپرەك كۇرسانت بار. رىۋانداغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سېلىنغان ماساكا دوختۇرخانىسى، كىبېنگو دوختۇرخانىسىدا جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ تېببىي تېخنىكىسى ۋە مېھرىبانلىقى ئارقىلىق ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا چارە تاپتى، ئىككى دوختۇرخانا 600 مىڭدىن كۆپرەك ئاممىنى داۋالىدى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ‹‹ھەممە كەنتلەرگە يەتكۈزۈش›› سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە تۈرىدە رىۋاندادىكى 300 كەنتكە رەقەملىك تېلېۋىزور سەپلەپ بېرىلىپ، 150 مىڭدىن كۆپرەك يېزا پۇقراسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتىدۇ.

   ھازىر، رىۋاندا ‹‹2020 يىراق كەلگۈسى›› تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشقا پائال كۈچەۋاتىدۇ، جۇڭگو ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن رىۋاندانىڭ ھەمكارلىق تەرەققىياتى تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. بۇلتۇر 3–ئايدا، كاگامى زۇڭتۇڭ جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو–رىۋاندا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدۇق. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن رىۋاندانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

   —— ئۆزئارا ھۆرمەتلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكى ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ھەرقايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدىكى سىياسىي ئاساسنى پۇختىلايدۇ. جۇڭگو رىۋاندانىڭ ئۆزى  تاللىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

   —— تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىمىز. ئىككى تەرەپ ئەۋزەللىكىنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىش ساھەلىرى ۋە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كانچىلىق، سودا سېلىنمىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو–رىۋاندا دوستلۇقىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.

   —— مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى بېيىتىمىز. ئىككى تەرەپ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ساياھەت، ئاۋىياتسىيە، ئادەم كۈچى بايلىقىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو–رىۋاندا دوستلۇقىنى ئەل قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىدۇ.

   —— ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىمىز. جۇڭگو رىۋاندانىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك سالاھىيىتى بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئويناۋاتقانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

   جۇڭگو بىلەن رىۋاندانىڭ دوستلۇقى جۇڭگو–ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ كارتىنىسى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا باشتىن–ئاخىر سەمىمىي دوستلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ كەلدى، ئۇ، خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ بىللە بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىدۇر. جۇڭگو ھەقىقىي، سەمىمىي ئىدىيە ۋە دۇرۇس مەنپەئەت قارىشىنى قۇۋۋەتلەپ، رىۋاندانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقىدىكى بارلىق دوستانە دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مەن كاگامى زوڭتۇڭنىڭ رىۋاندا زوڭتۇڭى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇشتەك قوش سالاھىيەت بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمەن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى ھەم مۇنبەردىكى باشقا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستانە ھەمكارلىق ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات گۈزەل پىلانىنى لايىھەلەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

   رىۋاندانىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ‹‹ئۇمۇگاندا›› مەدەنىيىتى بار، بۇ مەدەنىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئورتاق قاتنىشىش ئارقىلىق ئورتاق نىشانغا يېتىشى تەكىتلىنىدۇ. دۆلىتىمىزدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ‹‹كىشىلەر بىر مەقسەتكە كەلسە، تەيشەن تېغىنىمۇ يۆتكىۋەتكىلى بولىدۇ›› دەيدىغان تەمسىل بار. ھازىرقى دۇنيادا، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى ۋە تايىنىشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە نۇرغۇن ئورتاق خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو بىلەن رىۋاندا بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، جاپا–مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو–رىۋاندا، جۇڭگو–ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىشى كېرەك. مەن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو–رىۋاندا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.