تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ قاتار ئەمىرى تامىم بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى قاتار ئەمىرى تامىم بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قاتار دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلىنىپ كەلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى كۈنسايىن قويۇقلاشتى. سىز 2014 – يىلى 11 – ئايدا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بىز بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن قاتارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو – قاتار مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق. مەن جۇڭگو – قاتار مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، قاتارنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشقانلىقىنى ئالقىشلايمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو – قاتار مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  تامىم تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: سىز قاتار – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردىڭىز، مەن بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن ھەم سىزگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن. قاتار ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.