تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1–تومىنىڭ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى توردا تارقىتىلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى نەشر قىلغان ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا››نىڭ 1 – تومىنىڭ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئامازون، Overdrive، يىيۆتۇڭ، جاڭيۆدىن ئىبارەت تۆت رەقەملىك سودا سۇپىسىدا تورغا چىقىرىلىپ، يەرشارى مىقياسىدا ئېلان قىلىندى.
    2014 – يىلى 9 – ئايدا نەشر قىلىنغان ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتاب 2018 – يىلى 1 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىتىلىپ قايتا نەشر قىلىنىپ، ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا››نىڭ 1 – تومى دەپ ئاتالدى.
    ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا››نىڭ 1 – تومى 2017 – يىلى 11 – ئايدا نەشر قىلىنغان ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا››نىڭ 2 – تومى بىلەن ئورگانىك بىرلىككە كەلگەن پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن، ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشى، ئىگىلىشىدىكى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدۇ.
    ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا››نىڭ 1 – تومىنىڭ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى بىلەن قەغەز نۇسخىسىنىڭ مەزمۇنى بىردەك. بۇ قېتىم ئېلېكتىرونلۇق كىتاب توردا تارقىتىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تور ئوقۇرمەنلىرىنى قاپلىدى، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات تومۇرى ۋە ئاساسىي مەزمۇنىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ قولاي چۈشىنىشىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تەمىنلىگەن جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.